خىتاي ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن سانلىق مەلۇماتلار 2-سېنتەبىر پاي چېكى بازىرىغا زور تەسىر كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاسىيادىكى ئاساسلىق پاي چېكى بازارلىرىدا ئومۇمەن تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن، ئەمما ياۋروپا پاي چېكى بازىرى يېپىلىشتىن بۇرۇن پاسسىپ ئەھۋالدىن قۇتۇلالىغان.
بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئايغىچە خىتاينىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىدە ئۇدا تۆت ئاي چېكىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، مۆلچەردىكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كەيپىياتى خىتاي ئىقتىسادىغا بولغان ئەندىشە سەۋەبلىك زەربىگە ئۇچرىغان.
ئانالىزچىلار ھەپتە ئاخىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ «ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەرگەنلىكى»نى، خىتاينىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئىزچىل قىيىنچىلىقتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە يەنە ئۆي-مۈلۈك ساھەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 8-ئايدىكى PMI قىممىتىنىڭ 49.1 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ 7-ئايدىكى 49.4 گە قارىغاندا تېخىمۇ تۆۋەن بولغان. خىتاي ئىقتىسادىدىكى بۇ چېكىنىش خەلقئارادىكى داڭلىق ماركىلارنىڭ پاي چېكى باھاسىغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ