شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مەجبۇرىي تېڭىلغان «سىياسىي يىغىلىش»لار داۋاملاشماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن تارتىپ سىياسىي ئۆگىنىش، بايراق چىقىرىش، قەرەللىك قەسەم بەرگۈزۈش قاتارلىق سىياسەتلەرنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك، ئەركىن-ئازادە ياشاۋاتقانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ خىل تېررور سىياسەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت ئالدىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ھەمبەھرىلىگەن سىنلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا خەلقنى كەنت، مەھەللە كومىتېتلىرىغا يىغىۋېلىپ، مەجبۇرىي قەسەم قىلدۇرۇش، بايراق چىقىرىش قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرىنى ھېلىھەم ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.

سىندا قەشقەر شەھەرلىك چاسا كوچا باشقارمىسى سەھىيە ئىشلىرى مەركىزى قورۇسىدا بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتقانلىقى ۋە خىتاي دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇپ بايراق چىقىرىلىپ بولغاندىن كېيىن، خىتاي يېتەكچىگە ئەگىشىپ، كوممۇنىست پارتىيەگە بولغان سادىقلىقى، خىتاي قانۇنىغا بويسۇنىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بېرىۋاتقانلىقى، قەسەمدىن كېيىن سىياسىي لېكسىيە ئاڭلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

شاھىتلارنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى گۇۋاھلىقلىرىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى، سىياسىي ئۆگىنىش، كومپارتىيە نىزامنامىلىرىنى يادلاش، خىتاي تىلى ئۆگىنىش، قەسەم بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلغان بولۇپ، بۇ خىل مەجبۇرىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى رەت قىلغان ياكى بىر نەچچە قېتىم قاتناشمىغان كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدە مەسىلە بار، دەپ قارىلىپ، جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ياكى تۈرمىگە تاشلىنىپ ئېغىر جازالانغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2768 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2024 12:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق