ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى» مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار يېڭى قارار ماقۇللىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى» شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىگە چېتىشلىق بولۇش سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالانغان خىتاي شىركەتلىرىنى قوللاش ھەققىدە يېڭى قارار ماقۇللىدى.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى» 23-ئاۋغۇست ئاتالمىش «ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار جازالىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە جازا تەستىقلانغان كارخانا ۋە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى قارار»نى ماقۇللىغان بولۇپ، 2-سېنتەبىر رەسمىي ئېلان قىلىنغان ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئامېرىكىنىڭ 2022-يىلى 21-ئىيۇن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى رەسمىي يولغا قويغانلىقى، مەزكۇر قانۇن ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، ئاتالمىش «شىنجاڭ كارخانىلىرى»نىڭ مەنپەئەتى ۋە رايوندىكى بارلىق تەرەپلەرگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكى ھەققىدە جار سېلىنغان.

خەۋەردە يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى ئىشلار»نىڭ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكى، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلىشىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى پاكىتلارغا سەل قارىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

خەۋەرنىڭ ئاخىرىدا: «پۈتۈن رايون دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، جازاغا ئۇچرىغان شىركەت ۋە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا قارشى تۇرۇشتا دۆلەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، كارخانا، ئورگانلار ۋە رايوندىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تەۋرەنمەس مەسئۇلىيىتى بار» دەپ جار سېلىنغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاساسلىق ئۇيغۇرلار بولغان نەچچە مىليون تۈركىي خەلقنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق سانچى يىدا توقۇمىچىلىق شىركىتى، خېفېي باۋلوڭدا ئۇچۇر تېخنىكىسى شىركىتى، خېفېي مېيلىڭ شىركىتى، خوتەن خاۋلىن چاچ زاپچاسلىرى شىركىتى، خوتەن تەيدا كىيىم-كېچەك شىركىتى، جىنچۇاڭ گورۇھى شىركىتى، نەنجىڭ شىنيې پاختا توقۇمىچىلىق شىركىتى، نەنچاڭ ئوفېيگۇاڭ تېخنىكىسى شىركىتى ۋە تەنيۈەن تېخنىكىسى، ئاتالمىش شىنجاڭ يىپەك يولى خۇادا گېن تېخنىكىسى ۋە بېيجىڭ ليۇخې خۇادا گېن تېخنىكىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ۋە تەھلىل قىلىشقا ياردەم بەرگەن شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە چېتىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىغان. نەتىجىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك شىركەت-كارخانىلار، خۇسۇسەن مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مۇھىم بازىسى بولغان پاختا توقۇمىچىلىق شىركەتلىرى ئېغىر زىيان تارتقان، ھەتتا نۇرغۇنلىغان خىتاي شىركەتلىرى ۋەيران بولۇپ، خىتاي ئىقتىسادى زور تەسىرگە ئۇچرىغان.

بۇ ئەھۋال خىتاينى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئامېرىكىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شىركەت-كارخانىلارنى مەخسۇس قوللاش ھەققىدە قارار ماقۇللاش ئارقىلىق، كاساتلاشقان ئىقتىسادىنى قايتا يۆلەشكە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2682 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2024 12:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق