خىتاي بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان بايلىقلارنى تور ئارقىلىق سېتىشنى كۈچەيتمەكتە

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى كۆمۈر بايلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ قېزىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە پەقەت توردا سېتىش ئارقىلىق پۈتۈشۈش مىقدارىلا 36 مىليون 440 مىڭ توننىغا يەتكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، توردا سېتىشنى شىددەت بىلەن ئاشۇرغان. بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر سودا مەركىزىدىكى جەمئىي پۈتۈشۈش مىقدارى 36 مىليون 440 مىڭ توننىغا، پۈتۈشۈش سوممىسى 11 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىنىڭ 6.82، 8.46 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خىتايغا يۈرگۈزۈلگەن سودا ئېمبارگوسى، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئاپەتلەر، خىتايدىكى توك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە ئەگىشىپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر ۋە باشقا سانسىزلىغان بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتكەن ۋە كۆلەملەشتۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان، كۈچەپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان بايلىقلارنى پەقەتلا خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، ھەتتا نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان بايلىقلارنىڭ مىقدارى ئېلان قىلىنغان ساندىن نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2576 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2024 15:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق