تۈركىيە ژۇرنالىستلىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىندى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 1-سېنتەبىر تۈركىيە ژۇرنالىستلىرىنىڭ خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىگە قىلغان زىيارىتى ۋە خىتاينىڭ ئارىلىشىش سىياسىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا خىتاينىڭ ئارىلىشىش تاشقى سىياسىتى، ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىش جىنايىتى ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە،  28-ئاۋغۇست تۈركىيەلىك 10 ژۇرنالىستنىڭ شېنجېن شەھىرىنى زىيارەت قىلغانلىقى، بۇنىڭ تۈركىيە خەلقىنى ۋە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى، مەزكۇر زىيارەتنىڭ خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە تېررور سىياسىتىگە قارىماي ئىشقا ئاشقانلىقى، خىتاي ئۆزىنى گۈللىنىش پۇرسەت رايونى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقى، بۇ خىل ۋەزىيەتتە تۈركىيەلىك ژۇرنالىستلارنىڭ خىتاي زىيارىتى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى، مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە قارشى تۇرۇش قىلمىشىنى يوشۇرۇشقا ھەمدەمدە بولۇش ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكى، شېنجېنغا بارغان تۈركىيە مۇخبىرلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىدە زىيارەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق، خىتاينىڭ دۇنيا بازىرىدىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش ۋە خۇاۋېي، BYD غا ئوخشاش خىتاي شىركەتلىرىگە جەلپ قىلىش، خىتاي بازىرىنى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپا بازىرىغا ئېچىش، ئۆزىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتىنى ۋە ئىقتىسادىي تەسىرىنى كېڭەيتىش ئىكەنلىكى، بۇ سەۋەبتىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەت ۋە تاراتقۇلارنىڭ خىتاينىڭ بۇ ئاخبارات ئىستراتېگىيەسىگە دىققەت قىلىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە بولغان سەزگۈرلۈكىنى ساقلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1688 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2024 14:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق