خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى موڭغۇلىيەدىن پۇتىننى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن يېقىندا موڭغۇلىيەگە زىيارەتكە بارىدىغان بولۇپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىلەن ئۇكرائىنا موڭغۇلىيەدىن پۇتىننى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن 3-سېنتەبىر موڭغۇلىيەنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (CPI) بىلەن ئۇكرائىنا موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىدىن پۇتىننى زىيارەت مەزگىلىدە قولغا ئېلىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى فادى ئابدۇللاھ 30-ئاۋغۇست ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى قۇرۇش شەرتنامىسى - «رىم شەرتنامىسى»غا ئىمزا قويغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، موڭغۇلىيەنىڭ  خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئوخشاش كۈندە بايانات ئېلان قىلىپ، موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنى پۇتىننىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇنى قولغا ئېلىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

ئەمما رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى پېسكوف جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن ئەنسىرىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا: «بىز موڭغۇلىيەدىكى دوستلىرىمىز بىلەن ياخشى سۆھبەتلەشتۇق، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ھەر بىر تەرىپى ئىنچىكە تەييارلاندى» دېگەن، ئەمما ئۇ تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان.

رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن بولغان سىياسىي مەسلىھەتچى ماركوف: «پۇتىننىڭ قولغا ئېلىنىش خەۋپى يوق، ھەر قانداق دۆلەتكە چىقىشتىن بۇرۇن، سۆھبەتنىڭ بارلىق شەكىللىرى ئالدىن كېلىشىلىدۇ. ساھىبخان دۆلەت پۇتىن ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھەرقانداق ئەزاسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنماسلىقىغا %100 كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېگەن.

رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق سىياسىي مەسلىھەتچىسى، سىياسىي تەھلىلچى بېلكوۋسكىي: «پۇتىن خىتاينىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى ئاستىدا موڭغۇلىيەنى زىيارەت قىلىدۇ. گەرچە موڭغۇلىيە ئامېرىكا بىلەن جېدەللىشىپ قېلىشنى خالىمىسىمۇ، خىتاي بىلەن قارشىلاشمايدۇ» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1603 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2024 16:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق