ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ياپونىيەدە خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئىككى پارتىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان بولۇپ، بۇ جەرياندا خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 30-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئىككى پارتىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ ھەپتە ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي كومپارتىيەسى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پالاتا ئەزاسى جون مۇلېنار ۋە باشقا جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بېن كلايىن، بىراين بابىن ۋە بارى لاۋدېرمىلك قاتارلىقلار بار ئىكەن. دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولسا رو كاننا ۋە توم سۇئوزى قاتارلىق ۋەكىللەر بار ئىكەن.

ۋەكىللەر 29-ئاۋغۇست ياپونىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، جون مۇلېنار ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى قوغداش ئۈچۈن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ زىيانلىق ئىقتىسادىي كۈنتەرتىپىگە قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرغان.

ۋەكىللەر ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن كۆرۈشكەندە، پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ قانداق ھەمكارلىشىپ مۇھىم تەمىنلەش زەنجىرى ۋە يېڭى تېخنولوگىيەلەرنى خىتاينىڭ زىيانلىق ئىقتىسادىي ھەرىكەتلىرىدىن قوغداش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

مۇزاكىرە يىغىنىدا ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىچ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ تاجاۋۇزچى ئىقتىسادىي ھەرىكەتلىرى ئاستىدا قانداق ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بۇ مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاۋام پالاتاسى ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە يوكوسۇكا دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى زىيارەت قىلغان ھەمدە ياپونىيەدىكى ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشما رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1505 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2024 16:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق