خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئومۇميۈزلۈك زىيان تارتتى

خەلقئارا بازارنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە خىتاي ئىچىدىكى رىقابەتنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئومۇميۈزلۈك زىيان تارتقان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 30-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاساسلىق دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئومۇمەن زىيان تارتقان بولۇپ، زىيان تارتىشنىڭ سەۋەبى خەلقئارالىق ساياھەتنىڭ ئەسلىگە كېلىش دەرىجىسىنىڭ كۈتۈلگەن پىلاندىن تۆۋەن بولۇشى، خىتاي ئىچى بازىرىدا تەمىناتنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىشى ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئاۋىياتسىيە كۈچىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەن بازار رىقابىتىنىڭ كۈچىيىشى قاتارلىقلار ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى خىتاي خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، خىتاي جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە خىتاي شەرقىي ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئاخىرقى قېتىم پايدا ئەھۋالىنى ئېلان قىلغان يىللىق مالىيە دوكلاتى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ پارتلىشىدىن ئىلگىرىكى 2019-يىلىغا توغرا كېلىدىكەن.

خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان خىتاي خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى 29-ئاۋغۇست بۇ ھەقتە دوكلات بېرىپ، شىركەتنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا 2 مىليارد 780 مىليون يۈەن (تەخمىنەن 392 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) زىيان تارتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى 3 مىليارد 450 مىليون يۈەن زىيانغا سېلىشتۇرغاندا ئازراق ئازايغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىركىتىمۇ ئالدىنقى يېرىم يىلدا 1 مىليارد 230 مىليون يۈەن زىيان تارتقان بولۇپ، بۇ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى 2 مىليارد 900 مىليون يۈەن ساپ زىياندىن ئاز بولغان. مەركىزى خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىگە جايلاشقان بۇ ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىرىنچى پەسىلدە 760 مىليون يۈەن پايدا ئالغان بولسىمۇ، بىراق كېيىنكى پەسىللەردە داۋاملىق زىيان تارتقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1456 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2024 16:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق