خىتاي تىل-يېزىقى ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق مەجبۇرىي تېڭىلماقتا

خىتاي يېقىنقى يىللاردا خىتاي تىل-يېزىقىنى مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ تېررور سىياسىتى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ يوقىلىش خەۋپىنى بارغانسېرى ئاشۇرماقتا.

يېقىنقى كۈنلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلىنى جىددىي ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ھەققىدىكى سىنلار ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كۆپ تارقالغان بولۇپ، مەزكۇر سىنلاردا كەنت ئاھالە كومىتېتى، سىنىپ، چوڭ-كىچىك يىغىن زاللىرى، مەكتەپ قورۇسى قاتارلىق ئورۇنلاردا كېچە-كۈندۈز دېمەستىن ئۇيغۇرلارغا خىتايچىنى مەجبۇرىي ئۆگەتكەن كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن.

بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سىندا ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى پاش قىلىنغان بولۇپ، سىندا كەنت كومىتېت مەيدانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتاپتا ئولتۇرغۇزۇلۇپ، مەجبۇرىي خىتاي تىلى ئۆگىتىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مەركىزىي ئىشخانىسى 2021-يىلى 30-نويابىر ئاتالمىش «يېڭى دەۋر تىل-يېزىق خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ-پىكىر» ناملىق ھۆججەتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھۆججەتتە خىتاي تىل-يېزىقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ يەنىلا تەڭپۇڭسىز ۋە نامۇۋاپىق ئىكەنلىكى، شۇڭا 2025-يىلغىچە خىتاي ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %85 كە يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەكلىكى تىلغا ئېلىنغانىدى.

خىتاي رېجىمىنىڭ خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىياسىي ھەرىكىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە شىۋىلىرىنىڭ بېسىم ئاستىدا يوقاپ كېتىشى ھەققىدە ئەندىشە قوزغاپ كەلمەكتە. جۈملىدىن خىتاي مۇستەملىكىسىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى خىتاينىڭ باستۇرۇشى سەۋەبىدىن ئاستا-ئاستا يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ھۆججەت خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى نامىدا تارقاتقان تىل-يېزىق خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە ئالاقىدار ھۆججىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. گەرچە خىتاي ئۆز تىل-يېزىقىنى مەجبۇرىي تېڭىشنى تارىختىن بېرى ئىجرا قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ماس ھالدا بۇ ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تىل يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقاندىن كېيىنلا، 2000-يىلى 9-ئايدا ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى يەرلىك مەكتەپلەردىن بارلىق ئوقۇتۇشنى موڭغۇل تىلىدىن خىتاي تىلىغا ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغانىدى. نەتىجىدە بىر قىسىم كىشىلەر ئانا تىلىنىڭ يوقىلىش خەۋپىدىن ئەنسىرەپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلار دەرس تاشلىغان، قىسمەن ئىشچىلار ئىش تاشلىغانىدى. ئاخىرىدا خىتاي رېجىمى نۇرغۇن كىشىلەرنى «جەمئىيەتنى تەرتىپىنى قالايمىقان قىلدى» دېگەن تۆھمەت بىلەن قولغا ئالغانىدى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى چەكلەش، باستۇرۇش سىياسىتى نۆۋەتتە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىگە يەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەكتەپتە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى، خىلاپلىق قىلسا تەن جازاسى بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سىنلار تارقىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2460 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2024 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق