خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ غايەت زور قوغۇشۇن، سىنك بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا

خىتاي خوتەن تەۋەلىكىدىكى خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنىدىن غايەت زور مىقداردىكى قوغۇشۇن، سىنك بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر كاننىڭ زاپىسى ئاسىيا بويىچە بىرىنچى، دۇنيا بويىچە ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 8-ئايدا چوڭقۇر قاتلىمى قاراقۇرۇم تاغلىرىغا جايلاشقان، خوتەن تەۋەلىكىدىكى خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنىنى قېزىش قۇرۇلۇشى جىددىي داۋاملاشقان. مەزكۇر كاننىڭ قوغۇشۇن، سىنك زاپاس مىقدارى 21 مىليون توننىدىن ئارتۇق بولۇپ، خىتاي شىركەتلىرى ھازىرغا قەدەر 600 مىڭ توننىدىن ئارتۇق قوغۇشۇن، سىنك بايلىقىنى قېزىپ بولغان.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆپلىگەن كانلارنىڭ ئىشلىتىش، ئېچىش ھوقۇقىنى خىتاي شىركەتلىرىگە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىۋاتقان بولۇپ، بۇ قاتاردا 2023-يىلى 16-يانۋاردا خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنىنىڭ كان چارلاش، تەكشۈرۈش ھوقۇقى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان. مەزكۇر كان دۇنيا دەرىجىلىك قوغۇشۇن، سىنك كان بەلبېغىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەن ۋە شۇنداقلا ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندا بايقالغان سۈپىتى ئەڭ ياخشى، زاپىسى ئەڭ كۆپ قوغۇشۇن، سىنك كېنى ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋىرىدە، 2011-يىلى خىتاينىڭ گېئولوگىيە تارماقلىرىنىڭ بۇ غايەت زور بايلىقنى بايقىغانلىقى، بۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇھىم كان ئىزدەش نەتىجىسىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان.

2023-يىلىنىڭ بېشىدا شىنكۇاڭ گۇرۇھى 25 مىليارد يۈەن بىلەن خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنىنىڭ كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى سېتىۋالغان. مەزكۇر شىركەت بۇ تۈرگە يەنە 18 مىليون يۈەندىن ئارتۇق گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مەبلىغى سالغان بولۇپ، 5700 مېتىرغا يېقىن چوڭقۇرلۇقتا بۇرغىلىغان. يېڭىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان زاپاس مىقدارىنى قوشقاندا، مەزكۇر كاننىڭ قوغۇشۇن، سىنك زاپىسى 21 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئىكەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەندىن بېرى ئىزچىل تۈردە غايەت زور مىقداردىكى تۈرلۈك تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كەلمەكتە ۋە يېقىنقى يىللاردا بايلىق مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ۋە ئېچىش ھوقۇقىنى خىتاي شىركەتلىرىنى سېتىپ بەرمەكتە. ئەسلى ئىگىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بولسا ئۆز زېمىنىدىكى بايلىقلاردىن مەھرۇم قىلىنىپ، نامرات ھالەتتە ياشىماقتا. خىتاي ئاتالمىش «نامراتلارنى يۆلەش» نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، خورلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىزچىل ئىجرا قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2502 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2024 14:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق