خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى مەجبۇرىي چېقىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى ئاتالمىش «كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش»، «تەرەققىيات رايونىغا ئۇدۇل كېلىپ قېلىش»، «يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ سېلىش» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن چېقىش، ئۆزگەرتىش جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

29-ئاۋغۇست ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستاندا تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى يېڭى، پۇختا سېلىنغانلىقىغا قارىماي مەجبۇرىي چېقىشنى داۋاملاشتۇرغان.

مەزكۇر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئاتالمىش «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» نامىدا ئۈستۈن ئاتۇشتىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ يىپيېڭى ئۆيىنى مەجبۇرىي چاقماقچى بولغان. چېقىلىدىغان ئۆي ھەرخىل گۈزەل نەقىشلەر ۋە ئويمىلار بىلەن مىللىي ئۇسلۇبتا بېزەلگەن، كۆركەم سىرلانغان بولۇپ، ھەتتا ئۆي ۋە كارىدورغا گۈللۈك چىنە خىش ياتقۇزۇلغان. ئۆينىڭ سېلىنغىنىغا تېخى ئۇزاق بولمىغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. ئۆينىڭ تۈۋرۈكلىرىمۇ ئويما تۈۋرۈك بولۇپ، ئۆينىڭ تاملىرى ئويما تەكچە، چوڭ-كىچىك مىھراب ئويمىلار بىلەن بېزەلگەن. تورۇس ۋە لىملىرىنىڭ بېشىغا نەقىش ئويۇلغاندىن باشقا، كۆركەم سىرلانغان. ھويلىمۇ ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا ئالاھىدە ياسالغان. مەزكۇر سىن خىتاينىڭ دەۋا قىلىۋاتقىنىدەك ئاتالمىش «كونا، ئاجىز ئۆيلەرنى يېڭىلاپ سېلىش» ئەمەس، بەلكى يېڭى سېلىنغان ئۆيلەرنىمۇ مەجبۇرىي چاققانلىقىنى، ئۇيغۇر مەھەللىرىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

سىننى تارقاتقان ئۇيغۇر خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئەمىن ئۆي قىلىپ ئۆزگەرتىمىز» دېگەن باھانە بىلەن ئۆينى چاقىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى جىددىي كۆچۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى، ئالىدىغانلار بولسا ئۆينىڭ تۈۋرۈك، تورۇسلىرىغا ئىشلەتكەن ياغاچلارنى تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى 2010-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «كەپىلىك مەھەللىلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىش» نامىدا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىشكە، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 2023-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا جەمئىي 49 مىڭ 662 يۈرۈش ئۆي ۋە رايوننى چېقىپ، خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتكەن. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى جەمئىي 1 مىليون 797 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي چېقىپ ئۆزگەرتىلگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى زور كۆلەمدە تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن دىنىي، مىللىي قىممەت قاراشلىرىدىن، ئۆز كۈلتۈرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ، نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنى كۆزدىن يوقىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر-ئىسلام ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى، ھويلا-ئاراملارنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مەجبۇرىي چاققان. تارقالغان سىنلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئازراقمۇ پەسەيمىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ يىلمۇ تۈرلۈك يوسۇندا كۈچەپ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2477 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2024 14:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق