ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى خىتاينى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان 27-ئاۋغۇست بېيجىڭغا يېتىپ بارغان بولۇپ، خىتاي بىلەن ئامېرىكا بېيجىڭدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ جېك سۇلىۋاننىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى سالاھىيىتى بىلەن خىتاينى زىيارەت قىلىشى بولۇپ، ئۇ ئۈچ كۈن پىلانلانغان زىيارىتى جەريانىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن بەرپا قىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.  

نۆۋەتتە خىتاي بىلەن ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە بىر-بىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي ئامېرىكىنى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە فىلىپپىننى قوللىماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. ئەمما 28-ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتتە ئامېرىكا تەرەپ ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئاقساراي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ 27-ئاۋغۇست خىتاي مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ بېيجىڭدا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

خەۋەردە ۋاڭ يىنىڭ سۇلىۋاننىڭ خىتايغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ۋە خىتاي-ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئوڭۇشسىزلىققا تولغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ۋاڭ يى سۆزىدە يەنە ئىككى تەرەپ باشلىقلىرىنىڭ سان-فىرانسىسكو ئۇچرىشىشىدىكى ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىتاي-ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، كېيىنكى ئىككى كۈندە بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتىكى ئانالىزلاردا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن بۇرۇن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىدىن ساقلىنىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، سۇلىۋاننىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى مۇقىمسىزلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ يېڭى تىرىشچانلىق ئىكەنلىكىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچارلىشىۋاتقان خىتاينىڭمۇ نۆۋەتتە مۇقىم بولغان خەلقئارالىق مۇھىتقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ ئىككى تەرەپنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىختىلاپى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1418 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2024 14:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق