خىتاي-ھىندىستان رىقابىتى نېپالغا مەركەزلەشمەكتە

خىتاي نېپالدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىدىن تارتىپ ساياھەت ۋە سودىغىچە كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان بولۇپ، گەرچە بۇ دۆلەت ئەنئەنىۋى جەھەتتىن ھىندىستانغا يېقىن بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشىغا ئەگىشىپ، نېپال سودا تەڭپۇڭلۇقى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 27-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، 2015خفخ-يىلى نېپالدا يەر تەۋرىگەندىن بۇيان، خىتاي نېپالغا سودا، ساياھەت ۋە دۆلەتنى قايتا قۇرۇش جەھەتتە مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتكەن. خىتاي يەنە نېپاللىقلارغا خىتاي تىلى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارنى ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق نېپاللىقلارنى ھىندىستاندىن ئاستا-ئاستا يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئەمما ھىندىستانمۇ بۇنىڭغا بىپەرۋالىق قىلمىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە نېپالنىڭ پايتەختى كاتماندۇدا بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشى خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە باشلىغان بولۇپ، خىتايچە ئۆگىتىدىغان 100 گە يېقىن دۆلەت مەكتىپى بار ئىكەن. بىر قىسىم نېپاللىقلار خىتايغا بېرىپ ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن، نېپالدا خىتاي تىلى ئۆگىتىشكە باشلىغان.

ئۇندىن باشقا، بىر خىتاي شىركىتى 76 مىليون ياۋرو مەبلەغ سېلىپ نېپالنىڭ لۇمبىنى ئايرودۇرۇمىنى يېڭىلاپ ياساشقا ياردەم بەرگەن بولۇپ، بۇ ئايرودۇرۇم 2022-يىلى 5-ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. ئەمما ئايرودۇرۇم نۆۋەتتە ئادەمسىز ھالەتكە كېلىپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ناچارلىشىشى ئىكەن. ھىندىستان ئايروپىلانلارنىڭ ئۆز ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇشىنى چەكلەپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىنى توسقان.

نېپالدىكى سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، نېپالنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى دۆلەتنىڭ تەرەپ تاللىيالماسلىقىنى بېكىتىپ قويغان. ئەمما ئىلگىرى ھىندىستاننىڭ نېپال ئىچكى سىياسىتىگە ھەددىدىن زىيادە ئارىلاشقانلىقى خىتاينىڭ نېپالغا سىڭىپ كىرىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن. نېپالنىڭ پوزىتسىيەسى ھەمىشە خىتاي ۋە ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش بولۇپ كەلگەن.

نېپالغا قېچىپ چىققان بىر تىبەت كىشى نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، نېپال ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ دالاي لامانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر ئۇلار ھەر قانداق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرسا، نېپال ھۆكۈمىتى ساقچى ئەۋەتىپ ئۇلارنى تۇتىدىكەن، ھەتتا تۈرمىگە تاشلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىنكاسىدىن قورقىدىغانلىقىنى، خىتايلار نېپالغا كېلىپ تىبەتلەرنى بىۋاسىتە تۇتالمايدىغانلىقىنى، ئەمما نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان خىتاينىڭ ئورنىدا بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەر تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1508 قېتىم كۆرۈلدى
29/08/2024 17:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق