پاكىستان باش مىنىستىرى: بۆلگۈنچى كۈچلەر خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلدى

پاكىستان باش مىنىستىرى شەھباز شەرىف قوراللىق كۈچلەرنىڭ پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بەلۇجىستان ئۆلكىسىدە ئىجرا قىلغان بىر قاتار كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملىرى ئارقىلىق، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات تۈرلىرىنى بۇزۇش ۋە توسۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەلۇجىستان ئۆلكىسىدە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى 25-،26-ئاۋغۇست كۈنلىرى كۆپ قېتىم ھۇجۇم قوزغىغان. ئۇلار نۇرغۇن جايلاردا پاكىستان بىخەتەرلىك كۈچلىرى ۋە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغاندىن باشقا، يول ئۈستىدە ئاپتوموبىللارنى توسۇۋېلىپ يولۇچىلارنى ئۆلتۈرگەن ھەمدە تاشيول، تۆمۈر يول قاتارلىق ئاساسىي قۇرۇلمىلارنى بۇزغان. ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 73 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم ھەرىكىتى بولۇپ، پاكىستان بىخەتەرلىك كۈچلىرىمۇ دەرھال قايتۇرما زەربە بەرگەن. پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ھۇجۇمدا 14 ھەربىي ۋە ساقچى ئۆلۈپ، 21 قوراللىق ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇندىن باشقا يەنە 38 پۇقرا ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلغان.

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىپ 27-ئاۋغۇست تېلېۋىزوردا تارقىتىلغان مىنىستىرلار كابىنېتى يىغىنىدا: «تېررورچىلار خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى ۋە تەرەققىيات لايىھەلىرىنى توسۇشقا ئۇرۇنماقتا» دېگەن. ئۇ قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئىسلامئاباد بىلەن بېيجىڭنىڭ ئارىسىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بەلۇجىستان ئۆلكىسى بايلىق مەنبەلىرى مول بولۇپ، بۇ جاي يەنە خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم رايونلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي بۇ يەردە پاكىستاننىڭ پورت قۇرۇلۇشىغا ۋە بىر ئالتۇن كانى ۋە بىر مىس كانىنى ئېچىشىغا مەبلەغ سالغان.

كۆپ يىللاردىن بېرى قۇرۇلۇۋاتقان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ ۋەدە قىلىنغان قۇرۇلۇش مەبلىغى 65 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىدىكى مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان نامرات بولغان بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئاساسىي قۇرۇلمىلارنى قۇرۇشقا ئامالسىز قالغاچقا، خىتاينىڭ مەبلىغى ۋە باشقا ياردەملىرى ھەققىدە ئىزدەنگەن. پاكىستاننىڭ بۇ ئاجىزلىقى دەل شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىغا ئۇدۇل كەلگەن. ئەمما خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى بەلۇجىستان ئۆلكىسىدىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، رايوندىكى مۇستەقىلچى كۈچلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1426 قېتىم كۆرۈلدى
29/08/2024 17:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق