خەلقئارالىق تەشكىلات خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلىرىنى توسۇشقا چاقىرىق قىلدى

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ب د ت ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى توختىتىشنى داۋاملىق تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 28-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى داۋاملىق سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى 2022-يىلى 31-ئاۋغۇستتا ئېلان قىلغان، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ئەيىبلەنگەن دوكلات ئېلان قىلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى ھارپىسىدا، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ۋە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەردىن خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى توختىتىشى ئۈچۈن بېسىمنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ سوڭلىيەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسپاتلانغان جىنايەتلىرىنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا نومۇسسىزلارچە رەت قىلىشىنىڭ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەسلىكىنى، ئەمما بۇ ئەھۋال ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ۋە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك، ئىزچىل تەدبىرلەرنى قوللىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەكسىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان جازالاش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھېلىھەم زور ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا دېيىلىشىچە، ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى توختىتىش توغرىسىدىكى چاقىرىقلارغا پىسەنت قىلمىغان. خىتاينىڭ بۇ باستۇرۇشلىرى كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش، مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتتە زىيانكەشلىك قىلىش، ئائىلىلەرنى پارچىلاش، مەجبۇرىي ئەمگەك، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە پەرزەنت كۆرۈش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

باياناتتا يەنە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئاساسەن ئالاقە قىلالمايۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىلگەنلىكىنى بىلەلمەي ياشاۋاتقانلىقىنى، بەزى ئائىلىلەر ھەتتا تۇتقۇن قىلىنغان يېقىنلىرىنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكىنىمۇ جەزملەشتۈرەلمەيۋاتقانلىقىنى، گەرچە ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ساقچىلارنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ داۋاملىق ھەر خىل چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1355 قېتىم كۆرۈلدى
29/08/2024 17:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق