ب د ت شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى

ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى 27-ئاۋغۇست خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغاپ كەلگەن «مەسىلە بار قانۇن ۋە سىياسەتلەر»نى ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

31-ئاۋغۇست ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم دوكلاتنى ئېلان قىلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى 27-ئاۋغۇست مەزكۇر دوكلاتنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ب د ت ئۆمىكى بۇ يىل 6-ئايدا خىتايغا زىيارەتكە بارغان ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى» سىياسەت ۋە جىنايى ئىشلار ئەدلىيە سىستېمىسىغا مەركەزلەشكەن.

گەرچە بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، بىراق دوكلاتتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەنىلا شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان قانۇن ۋە سىياسەتلەرگە نىسبەتەن كۈچلۈك ئەندىشىسى مەۋجۇت ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ب د ت يەنە بىر قېتىم خىتاينى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى قانۇنىي سىستېمىسىنى ئىنسان ھەقلىرى نۇقتىسىدىن ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرۈشكە چاقىرغان.

ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈركنىڭ باياناتچىسى راۋىنا شامداسانى ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىگە داۋاملىق دىققەت قىلىش توغرىسىدا توختالغان. ئۇ شەرقىي تۈركىستاندا يەنىلا مەسىلە بار نۇرغۇن قانۇن ۋە سىياسەتلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى قانۇنىي سىستېمىسىنى ئىنسان ھەقلىرى نۇقتىسىدىن ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرۈشكە چاقىرغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋولكېر تۈرك خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە يەنە خىتاينى تىبەت ۋە خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلارنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1145 قېتىم كۆرۈلدى
29/08/2024 17:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق