ياپونىيە خىتاي ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى

ياپونىيە خىتاي ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى قېتىم ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە بۆسۈپ كىرگەنلىكىنى، ياپونىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى 26-ئاۋغۇست خىتاينىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ ئۇلارنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ دەرھال ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىپ ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «بىر خىتاي ئايروپىلانىنىڭ ناگاساكى ناھىيەسىدىكى دانجو ئارىلىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلۈپ، مۇداپىئە ۋازارىتى دەرھال ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەۋەتتى» دېيىلگەن. ياپونىيە تاراتقۇلىرى بۇ قېتىملىق ھەرىكەتنىڭ خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ «Y-9 جاسۇسلۇق ئايروپىلانى» شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:29 دا ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىدە تەخمىنەن ئىككى مىنۇت ھەرىكەت قىلغان. ياپونىيە قوغدىنىش ئارمىيەسى خىتاي ئايروپىلانغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان، ئەمما ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن سىگنال ئوقىدەك قوراللارنى ئىشلەتمىگەن. ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى بۇ ئايروپىلاننىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلغان.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، 26-ئاۋغۇست كەچتە ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ماساتاكا ئوكانونىڭ خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ئەلچىخانا خادىمى بۇ ئىشنى بېيجىڭغا مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1389 قېتىم كۆرۈلدى
28/08/2024 12:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق