ئۈچىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل دالا پائالىيىتى باشلاندى

ئۈچىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل دالا پائالىيىتى 24-ئاۋغۇست تۈركىيەنىڭ بولۇ ۋىلايىتىدە باشلانغان بولۇپ، پائالىيەتكە 200 گە يېقىن ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈر ئىشتىراك قىلدى.

بۇ نۆۋەتلىك دالا پائالىيىتى شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ ھەمكارلىقىدا تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنگەن پائالىيەتنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر قاتناشتى.

دالا پائالىيىتىنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى ئېچىلىش شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئالىمجان سابىرلى بىلەن شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسى مۇھەممەد ئەلى ئاتايۇرت ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

پائالىيەتتە ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنى ئويناش، تۈرلۈك تېمىلاردا سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ياشلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش نىشانلانغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەتلەردىن ئوقيا ئېتىش، چېلىشىش، ئارغامچا تارتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن سىرت، يەنە پۇتبول مۇسابىقىسى ئوينالدى.

پائالىيەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا، بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ئۇجاتلى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىم، سەئىدىيە ۋەقفىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى ئۇستاز ئوبۇلقاسىم ئەھمەدى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن، دوتسېنت دوكتور گۆكچە ئوق قاتارلىقلار زىيارەتكە كەلدى. ئۇلار ياش-ئۆسمۈرلەرگە سۆز قىلىپ، بۇ قېتىملىق جەم بولۇشتىكى مەقسەتنىڭ پەقەت كۆڭۈل ئېچىشتىنلا ئىبارەت ئەمەسلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدلىرى بولغان مۇنەۋۋەر، ئاكتىپ ياش-ئۆسمۈرلەرنى يېتىشتۈرۈشنىڭ، قېرىنداشلىق رىشتىسىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتى.

27-ئاۋغۇست ئەتىگەن تۆت كۈنلۈك دالا پائالىيىتى خۇلاسىلە قىلىنىپ، ھەر خىل پائالىيەت ۋە مۇسابىقىلەردە ئىپادىسى ياخشى بولغان ئۆسمۈرلەرگە مۇكاپات تارقىتىلدى. ئاخىرىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى ئۈچۈن تەشكىللەنگەن بىرىنچى باسقۇچلۇق دالا پائالىيىتىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسى مەردان ئۇيغۇر يېپىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككىنچى باسقۇچلۇق دالا پائالىيىتى تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ باسقۇچ 31-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 2093 قېتىم كۆرۈلدى
28/08/2024 12:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق