بەلۇجىستاندىكى قوراللىق ھۇجۇملاردا نەچچە ئونلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايلار ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كېلىۋاتقان پاكىستاننىڭ بەلۇجىستاندا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن بولۇپ، نەچچە ئونلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

BBC، ئەلجەزىرە قاتارلىق خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 26-ئاۋغۇست بەلۇجىستاننىڭ مۇسا خېل رايونىدا ئۇزۇنغىچە يولنى توسۇۋالغان قوراللىق گۇرۇپپا يولۇچىلارنى ئاپتوبۇس ۋە يۈك ماشىنىسىدىن چۈشۈرگەن، كىملىكلىرىنى تەكشۈرگەن ۋە ئۇلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى پەرقلىق خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، ئەلجەزىرە تورى كەم دېگەندە 70 نەچچە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، نۇرغۇن ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

قوراللىقلارنىڭ كىملىك ​​تەكشۈرۈش جەريانىدا پەنجاپتىن كەلگەن يولۇچىلارنى ئۆلتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن. ساقچىلار ۋە دەسلەپكى قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى رايونغا يېتىپ كېلىپ، جەسەت ۋە يارىلانغانلارنى ئەڭ يېقىن دوختۇرخانىلارغا يۆتكىگەن.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھسىن نەقۋى ھۇجۇمدىن كېيىن بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ 12 قوراللىق ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.

نۆۋەتتە قوراللىق تەشكىلات بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى مۇسا خېل رايونىدىكى ھۇجۇملارغا ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى باياناتىدا نىشانىنىڭ پۇقراچە كىيىنگەن ھەربىي خادىملار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى بايقاپ قالغان تەقدىردە ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھۇجۇمدىن بۇرۇن بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى خەلقنى مەزكۇر تاشيولدىن يىراق تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرۇپ: «بىزنىڭ كۈرىشىمىز پاكىستاننىڭ ئىشغالىيەتچى ئارمىيەسىگە قارشى» دەپ تەكىتلىگەن. يەنە بىر باياناتىدا بولسا: «بىز بەلۇجىستاندىكى بارلىق چوڭ تاشيوللارنى تولۇق كونترول قىلىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي توسۇۋالدۇق» دەپ ئىلاۋە قىلغان.

BBC نىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ساقچىخانىلار ۋە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ لاگېرلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بىر قاتار ھۇجۇملارنى قوزغىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەلدارلاردىن 11 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەشى بىخەتەرلىك خادىملىرى ئىكەن. بەلۇجىستاننىڭ يەنە بىر ناھىيەسىدە ئالتە جەسەت تېپىلغان.

بىر يەرلىك ئەمەلدار مەزكۇر ۋەقەگە 40-30 ئەتراپىدا قوراللىق كىشى قاتناشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پەنجابقا بېرىپ-كېلىۋاتقان 22 ماشىنىنى توختىتىپ تەكشۈرگەنلىكىنى ۋە پەنجابلىقلارنى ئايرىپ ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھسىن نەقۋى بۇ ھۇجۇملارنىڭ پاكىستاندا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن پۇختا پىلانلانغان ۋەقە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا بەلۇجىستاندا يۈز بەرگەن ئوخشاش بىر ۋەقەدە توققۇز يولۇچى ئاپتوبۇستىن چۈشۈرۈلۈپ، كىملىكى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لىن جيەن تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، پاكىستان بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدايدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 1079 قېتىم كۆرۈلدى
28/08/2024 12:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق