كانادا خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىدىن %100 باج ئالماقچى

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرۇدو خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان توكلۇق ئاپتوموبىللاردىن %100 باج ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كانادا خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، كانادا باش مىنىستىرى تىرۇدو 26-ئاۋغۇست نوۋا ھالىفاكس شەھىرىدە مۇخبىرلارغا كانادانىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان توكلۇق ئاپتوموبىللارغا %100 باج قويىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان پولات ۋە ئاليۇمىنغا ئايرىم-ئايرىم %25 باج قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كانادا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى فىرىلاند خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك زاپچاسلىرىدىن باج ئېلىش توغرىسىدا 30 كۈنلۈك جامائەت پىكىرى توپلىغان. مۇئاۋىن باش مىنىستىر كانادا ماشىنا ئىشچىلىرى ۋە سانائىتىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن يېتەكلەنگەن، قەستەن ئارتۇقچە ئىشلەپچىقىرىش سىياسىتى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئادالەتسىز رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ كانادا توكلۇق ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە دۇنيا بازىرىدىكى رىقابەت كۈچىگە زىيان سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كانادا ئىقتىسادى ئامېرىكا بىلەن بولغان سودىغا قاتتىق تايىنىدىكەن. بولۇپمۇ ئاپتوموبىل سانائىتىدە ئامېرىكا بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، كانادا ھەر يىلى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر يېرىم مىليون ئاپتوموبىلنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئامېرىكا بازىرىغا سېلىنىدىكەن. كانادا خىتاي ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارغا باج قويۇش ئارقىلىق، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا قويغان تەدبىرلەرگە ئەگەشكەن. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا قويغان باج ئامېرىكا ۋە كانادا قارار قىلغان مىقداردىن كۆپ تۆۋەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان تېسلا ئاپتوموبىللىرىغا %9، BYD ئاپتوموبىللىرىغا %17، جېلى ئاپتوموبىللىرىغا %19.3، شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھىغا %36.3 باج قويغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1156 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2024 17:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق