خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش بۆلۈمى ھەمدە تەشكىلات رەھبەرلىرى ئۈچۈن يېرىم ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «سىياسىي تەھلىل ۋە مۇزاكىرە يىغىنى»نىڭ ئىككىنچى قېتىملىقى 26-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلدى.
مۇزاكىرە يىغىندا فىلىپپىن-خىتاي مۇناسىۋىتى، ۋىيېتنام-خىتاي مۇناسىۋىتى مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا يەنە خىتاينىڭ تاراتقۇلارنى كونترول قىلىش ئىستراتېگىيەسى بويىچە تۈركىيە مۇخبىرلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەت قىلدۇرۇش مەسىلىسى، خىتاينىڭ تۈركىيەدە كۈچىيىۋاتقان تەسىرى مۇزاكىرە تېمىسى بولدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ