خىتاي ئارمىيەسى خىتاي-بېرما چېگراسىدا مانېۋىر ئۆتكۈزدى

خىتاي ئارمىيەسى خىتاي-بېرما چېگرا رايونىدا قوراللىق چارلاش ۋە راست ئوق-دورىلىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي 26-ئاۋغۇست قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرىنى خىتاي-بېرما چېگراسىغا ئەۋەتىپ، چېگرا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ئارمىيەسى 27-ئاۋغۇستتىن باشلاپ بىرما چېگراسىغا تۇتاش جايدا ئۈچ كۈنلۈك راست ئوق-دورا ئىشىتىلىدىغان ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي ئارمىيەسى جەنۇبىي ئۇرۇش رايونى ئېلان قىلغان بىر باياناتتا، بۇ قىسىملارنىڭ رۇيلى، جېنكاڭ قاتارلىق چېگرا سېپىدە مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

يېقىندا بېرمانىڭ شىمالىدىكى كاچىن ئىشتاتى ۋە شان ئىشتاتىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ، زەمبىرەك ئوقلىرى خىتاي زېمىنىغا چۈشكەن بولۇپ، ئادەم يارىلانغان ۋە مال-مۈلۈككە زىيان يەتكۈزگەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا تەھدىت شەكىللەنگەن.

خىتاي جەنۇبىي ئۇرۇش رايونى قوشۇن تەشكىللەپ مانېۋىر ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەتنىڭ ئۇرۇش رايونى قىسىملىرىنىڭ تېز ھەرىكەتچان، كۆپ قاتلاملىق كونترول قىلىش ۋە بىرلەشمە زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى سىناش ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي ئارمىيەسىنىڭ دۈشەنبە ئېلان قىلغان يەنە بىر باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم بىر قىسمى 27-ئاۋغۇستتىن 29-ئاۋغۇستقىچە خىتاي-بېرما چېگراسىنىڭ خىتاي تەرىپىدە راست ئوق-دورا ئىشلىتىدىغان ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

ئىلگىرى بېرمادا ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر قىسىم ئامېرىكىلىق ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ توقۇنۇشتا قايسى كۈچنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي يەنىلا بېرمادىكى مەبلىغى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا تىرىشىدىكەن. ۋەزىيەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىش ھازىرچە بالدۇر بولسىمۇ، جەزملەشتۈرگىلى بولىدىغىنى بېرما ھەربىي تەرەپ ئەمدى يېتەكچى ئورۇندا بولالمايدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1054 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2024 16:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق