ئامېرىكا يەنە بىر تۈركۈم خىتاي شىركەتلىرى ۋە شەخسلەرنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەگە ياردەم بەرگەن 400 گە يېقىن شىركەت ۋە شەخسنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 26-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بۇ قارارى ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ مېتال ۋە كان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ مەبلەغ توپلىشىنى تېخىمۇ چەكلەيدىكەن. جازالانغان شىركەت، ئورگانلارنىڭ ئوندىن بىرى خىتاي ياكى خوڭكوڭدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بولۇپ، بىر خوڭكوڭلۇق رۇسىيەگە پۇل يۇيۇپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 23-ئاۋغۇست، يەنى ئۇكرائىنا مۇستەقىللىق كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى بۇ يېڭى جازا تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. جازالانغان 400 گە يېقىن شىركەت ۋە شەخسلەر رۇسىيەنىڭ ئىچى-سىرتىغا تارقالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە ۋە پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىدىن 60 ى بار ئىكەن. رۇسىيەنىڭ سىرتىدىكى شىركەتلەر بولسا ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرققە تارقالغان بولۇپ، بۇ شىركەتلەر رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە جازالاردىن قېچىشى ئۈچۈن مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت تەمىنلىگەن، دەپ ئەيىبلەنگەن.

جازالانغان شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ ئىچىدە 23 شىركەت خوڭكوڭدا، 18 شىركەت خىتايدا تىزىملىتىلغان شىركەتلەر ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر ئىككى جايدىن بىردىن پۇقرا جازالانغان. ئۇلار رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى ئۈچۈن ھەربىي-پۇقرا قوش ئىشلىتىشچان تېخنىكا ۋە ئېلېكتىر زاپچاسلىرىنى سېتىۋالغان، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن، دەپ ئەيىبلەنگەن. چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خوڭكوڭلۇق كىشى ئىككى رۇسىيەلىك بىلەن بىرلىكتە پۇل يۇيۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە خوڭكوڭدا نۇرغۇن قۇرۇق شىركەتلەرنى تىزىملاتقانلىقى، شۇنداقلا جازاغا ئۇچرىغان بىر رۇس شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئالتۇننى سودا-سېتىق ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇلى ياكى شىفىرلىق پۇلىغا ئايلاندۇرغانلىقى ئاشكارىلانغان.

ئۇندىن باشقا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسىمۇ يېڭىدىن 123 شىركەت، ئورگاننى جازالاش قاتارىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 42 خىتاي شىركىتى ۋە ئادرېسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە خوڭكوڭدىكى ئۈچ ئادرېس «يۇقىرى خەۋپلىك يۆتكەش ئورنى» دەپ بېكىتىلگەن. ئەگەر سودا قىلغۇچىلار بۇ ئادرېسلارغا چېتىشلىق بولسا، ھۆكۈمەتتىن سودا رۇخسىتى ئېلىشى كېرەك ئىكەن. ئەمما رۇخسەت ئېلىشى قىيىن بولىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1067 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2024 16:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق