ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مەھەللە ئويۇنلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

25-ئاۋغۇست ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا «ئۇيغۇر مەھەللە ئويۇنلىرى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، كازىم ئۆزئالپ باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر پائالىيەتكە بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلاردىن بولۇپ مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى. بالىلار مەھەللە ئويۇنلىرى ئويناپ، قانغۇچە كۆڭۈل ئاچقان بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلار پائالىيەتنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى، ئۆسمۈرلەر ئۇنتۇشقا باشلىغان ئۇيغۇر مەھەللە ئويۇنلىرىنى قايتا ئەسلىگەنلىكىنى، بالىلارنىڭ ئۇيغۇر مەھەللە ئويۇنلىرىنى ئويناپ ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ۋە شۇنداقلا بۇ خىل پائالىيەتنى دائىم ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە بالىلار چەمبەر، جىم چىق، دۈم-دۈم، قولدا يىپ ئېلىش، بەش تاش، ئوشۇق ئېتىش، ئۈچ بوغۇم، ياغاچ ئادەم، تۆتقۇلاق، توققۇز ئۆي، سەككىز ئۆي، تەپكۈچ، چامغۇر يۇلۇش، لەغمەن، ئارغامچا سەكرەش، رېزىنكە ئاتلاش، شول دەريا، ۋىژىلداق، ئاق تېرەك كۆك تېرەك، قارا قارا قۇشلارىم، دوپپا تالىشىش، ياغلىق تاشلاش، گاگار-كالتەك قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنى ئوينىدى.

نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەھەللە ئويۇنلىرى پائالىيىتىنى تەشكىللەشنىڭ مەقسەت-نىشانلىرى، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشتىكى ئەھمىيىتى، بۇندىن كېيىن قانداق داۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى يېتىم ۋە تۇل ئاياللارنى ماددىي-مەنىۋى جەھەتتە قوللاپ، ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان بىر جەمئىيەت. تارمىقىمىز تاڭنۇرى ئانا تىل مەكتىپى ئىلگىرى ‹مەھەللىمىزدىكى بىر كۈن› پائالىيىتىنى تەشكىللىگەنىدى. نۆۋەتتە ‹بالا مۇخبىرلار پىروگراممىسى›نى داۋام قىلىۋاتىمىز. جەمئىيىتىمىزنىڭ غايىسى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈشتۇر. خەلقىمىزنىڭ نۇرغۇنلىغان ئېسىل ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى بار بولۇپ، بۇ قېتىم جەمئىيىتىمىزنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى ئەنە شۇ ئېسىل ئەنئەنىمىزنى خەلقىمىز، بولۇپمۇ پەرزەنتلىرىمىزگە ئەسلىتىش مەقسىتىدە بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىدى» دېدى.

ئۇ مەزكۇر پائالىيەتنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىلاۋە قىلىپ: «بۇ پائالىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىدا مۇھىم رولى بار بولۇپ، ئۇيغۇر مەھەللە ئويۇنلىرىنىڭ كۆپ قىسمى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بىرلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ ئويۇن ئوينىشىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ پەرزەنتلىرىمىزگە ھەرقانداق ئىش قىلغاندا بىردەك كۈچ چىقارغان ئىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقى، ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى ئۆگىتىدۇ» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1967 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2024 14:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق