7-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

ئىستانبۇلدا 12-ئاۋغۇستتىن 24-ئاۋغۇستقىچە داۋاملاشقان 7-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان مەزكۇر مۇسابىقىگە جەمئىي 12 كوماندا قاتناشقان بولۇپ، ھەر قېتىملىق مۇسابىقىلەر ئۇيغۇر تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشلىرى ۋە مەدەتلىرى بىلەن قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى.

ئىككى ھەپتە داۋاملاشقان گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرى ۋە شاللاش مۇسابىقىلىرىدىن كېيىن ئەينەك كوماندىسى بىلەن بۇغرا كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى تالىشىشقا، ئىلى مەشرەپ كوماندىسى بىلەن ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى تالىشىشقا تاللاندى. نەتىجىدە بۇغرا كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە، ئىلى مەشرەپ كوماندىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى، ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسى 7-نۆۋەتلىك «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى.

مۇسابىقىدىن كېيىن تەشكىلات مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى كوماندا ئەزالىرىغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى. مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونى ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسىدا لوڭقا، مېدال ۋە 12 مىڭ لىرا نەق پۇل مۇكاپات بېرىلدى. ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن ئىلى مەشرەپ كوماندىسىغا لوڭقا، مېدال ۋە 8000 لىرا نەق پۇل مۇكاپات بېرىلدى. ئۈچىنچى بولغان بۇغرا كوماندىسىغا لوڭقا، مېدال ۋە 6000 لىرا نەق پۇل مۇكاپات بېرىلدى.

ئۇندىن باشقا بىر قىسىم ماھىرلارمۇ ئايرىم مۇكاپاتلانغان بولۇپ، ئەينەك كوماندىسىدىن سەردار بۇ يىللىق مۇنەۋۋەر پۇتبولچى، ئىلى مەشرەپ كوماندىسىدىن مۇستاپا مۇنەۋۋەر ۋاراتار، ئوقۇ ئۇيغۇر كوماندىسىدىن ئابدۇراھمان مۇنەۋۋەر ياش پۇتبولچى، تۇغلۇق كوماندىسى بولسا مۇنەۋۋەر يېڭى كوماندا بولۇپ باھالاندى.

بۇ خەۋەر 1881 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2024 13:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق