ئۇيغۇر ۋەكىلى «ئىسلام دۇنياسى ياشلار ئۇچرىشىشى»دا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇردى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئىسلام دۇنياسى ئالاقە مۇناسىۋەت مەسئۇلى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر ماراكەشتە ئېچىلغان، ئىسلام دۇنياسى ياشلار ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان «ئىسلام دۇنياسى ياشلار ئۇچرىشىشى»غا قاتناشتى.

«ئىسلام دۇنياسى ياشلار ئۇچرىشىشى» يىغىنى 25-ئاۋغۇست باشلانغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر ماراكەشتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي شەخسلەر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، شۇنداقلا ماۋرىتانىيە ۋە كامېرون قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن سىياسەتچىلەر ۋە ياش ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەن.

يىغىن داۋامىدا مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.

بۇنىڭدىن باشقا، مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر ئۈچ يىلدىن بېرى ماراكەشتە گۇناھسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان مەكتۇپ ۋە ھۆججەتلەرنى ماراكەش پادىشاھىغا يەتكۈزۈشى ئۈچۈن ئالاقىدار مەسئۇللارغا تاپشۇرغان.

مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر يىغىلىشقا ئىشتىراك قىلىش جەريانىدا يەنە ماراكەش ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باش رەئىسى ئابدۇللاھ بىن كىيراننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان. ئابدۇللاھ بىن كىيرانىي شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كېلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر يەنە ماراكەشنىڭ سابىق ئالاقە مىنىستىرى دوكتور ھەبىب شوبانى بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇشتۇرغان ۋە ماراكەش تاراتقۇلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ھەققىدە پىكىرلەشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3249 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2024 10:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق