ئامېرىكا خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يادرو قورال ئىستراتېگىيەسى قوللانمىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن باھانە ئىزدەۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلدى.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى 20-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە، پىرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ بۇ يىل 3-ئايدا ئىنتايىن مەخپىي بولغان ئامېرىكا يادرو سىياسىتىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئاشكارىلانغان.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش قوللانمىسىنى مەخپىي ھالدا تۈزەتكەن بولۇپ، قوللانمىدا خىتاينىڭ ھەربىي تەييارلىقنى كۈچەيتكەنلىكى، خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورىيە ئوتتۇرىسىدا يادرو ھەمكارلىقىنىڭ خەۋپ كەلتۈرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خىتاي دەرھال ئىنكاس قايتۇرغان.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيان ئامېرىكا شەكىللەندۈرگەن چەكلەش ئىستراتېگىيەسى ئەسلىدە رۇسىيەگە قارىتىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ئىستراتېگىيە خىتاينىڭ تېز سۈرئەتتە ھەربىي تەييارلىقىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىگە مەركەزلەشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇمكىن بولغان يادرو ھەمكارلىقى ئامېرىكىنىڭ 2000-يىللىق نۇسخىدىكى ئىستراتېگىيە قوللانمىسىدا تىلغا ئېلىنمىغان بولۇپ، ئالدىنقى نۇسخىسىدا بولسا پەقەت خىتايلا ئايرىم تىلغا ئېلىنغان.
فىرانسىيە دۇنيا گېزىتىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ يادرو ئىستراتېگىيەسى يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس ئىكەن. نۆۋەتتە خىتاي ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى يادرو تەھدىت سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، يېتەكچى ئىدىيەسى چەكلىك يادرو قورالى بىلەن رەقىبىنىڭ ئاساسلىق شەھەر مەركەزلىرىگە زەربە بېرىش ياكى رەقىبنىڭ تۇنجى ھۇجۇمىغا قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش ئارقىلىق، رەقىبىنى قورقۇتۇش ئىكەن.
خىتاي يادرو قورالىنى ئالدىن ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلمايدىغانلىقىنى ھەمدە يادروسىز دۆلەتلەرگە قارشى يادرو قورالى ئىشلىتىشنىمۇ تەشەببۇس قىلمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە خىتاينىڭ بىلدۈرۈشىچە، يادرو ئوق بېشى نىسبەتەن ئاز، تەخمىنەن 200 دانە بولۇپ، فىرانسىيە بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ساندا ئىكەن. ئەمما نۆۋەتتە خىتايدىكى بۇ خىل مۇقىم ۋەزىيەت ئۆزگەرگەن بولۇپ، 2022-يىلىدىكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى خىتاينىڭ قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن 300 نى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغان بىر قانچە قويۇپ بېرىش سۇپىسى قۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. كېيىنكى ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن بولۇپ، 2023-يىلى 10-ئايغا كەلگەندە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي كۈچى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئىشلەتكىلى بولىدىغان 500 دانە يادرو ئوق بېشىغا ئىگە بولغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن بولۇپ، سانى قىسقىغىنا ئۈچ يىل ئىچىدە بىر ھەسسە كۆپەيگەن.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مەخپىي ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا خىتاينىڭ يادرو قورال ئامبىرىنى ئايرىپ چۈشىنىشكە بولمايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ يادرو قورالى قايىل قىلىش لايىھەسى چوقۇم خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇمكىن بولغان ھەمكارلىقنى نەزەردە تۇتۇشى كېرەك ئىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ رەقىبلىرىنىڭ يادرو تەھدىتىنى بىرلىكتە ئىشلىتىپ، ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئېھتىماللىقى ئانچە يۇقىرى ئەمەس ئىكەن. ئەمما رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ھەمدە شىمالىي كورىيە ۋە ئىراننىڭ رۇسىيەگە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئادەتتىكى قورال-ياراغلارنى تەمىنلىشى ئامېرىكىنىڭ قارىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن. نۆۋەتتىكى يېڭى خىرىس بولسا ئامېرىكىنىڭ يادرو قورال رەقىبلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقىي ھەمكارلىق، ھەتتا بىرلىشىش ئېھتىماللىقى ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ