خىتاي ئارمىيەسى قوماندانى موسكۋادا ھەربىي ھەمكارلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئالېكساندېر فومىن 22-ئاۋغۇست موسكۋادا خىتاي ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى لى چياۋمىڭ بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ ھەربىي ھەمكارلىق تېمىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 23-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى رولى كۆپ قېتىم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ گۇمانىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن خىتاي رۇسىيەگە يان باسقان، دەپ قارالغان. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى رۇسىيەگە ھەربىي ياردەم قىلماسلىققا كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە خىتاينىڭ يوشۇرۇن ھالدا رۇسىيەگە ياردەم قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. يېقىندا ئۇكرائىنا مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ رۇسىيە زېمىنىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ رۇس تەرەپكە بېسىم بولغان. بۇ ھەقتە رۇسىيە خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، لى چياۋمىڭ رۇسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى باش قوماندانىنىڭ تەكلىپى بىلەن رۇسىيەنى زىيارەت قىلغان.

رۇسىيە سىپاتنىك ئاگېنتلىقى خىتايچە خەۋىرىدە ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ھەمكارلىق مۇزاكىرىسىنى «دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك» دېگەن ئىبارە بىلەن سۈپەتلىگەن. بىراق بۇ خەۋەردە ئىككى تەرەپنىڭ مۇزاكىرە قىلغان «ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەربىي ھەمكارلىق تېمىلىرى»نىڭ ئېنىق مەزمۇنى تىلغا ئېلىنمىغان.

تاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ نۇقتىسى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بولۇپ، دۇنيا ھەربىي ۋەزىيىتىنىڭ توختىماي ئۆزگىرىشى جەريانىدا رۇسىيە-خىتاي ھەربىي مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن.

مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې لىفېڭ، دۆلەت كېڭەش ئەزاسى شېن يىچىن قاتارلىق مۇئاۋىن دۆلەت دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بۇ ھەپتە ئارقا-ئارقىدىن موسكۋاغا بېرىپ، رۇسىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك يىغىن ئاچقان. خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ دەرھال رۇسىيەنى رەسمىي زىيارەت قىلىپ، 21-ئاۋغۇست رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە رۇسىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپلىك يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان. بۇنىڭدىن ئىككى تەرەپنىڭ رەسمىي ئالاقىسىنىڭ يەنىلا زىچ ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 650 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2024 10:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق