ھىندونېزىيە خىتاي ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ھەققىدە ئىزدەنمەكتە

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچى سانائىتى بىلەن خىتاي مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۇسۇلى ھەققىدە ئىزدەنمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 22-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، زور تۈركۈمدىكى خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھىندونېزىيەگە ئېقىپ كىرىشى يەرلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا ئېغىر زەربە بەرگەن. بۇ ئەھۋال ھۆكۈمەتنى دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى تىنچلاندۇرۇش ئۇسۇلى ھەققىدە ئىزدىنىشكە ئۈندىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھىندونېزىيە ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولغان خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويماسلىققا تىرىشقان.

كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئىچىدە ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى پارچە ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە زاۋۇتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىركەتلەر ھۆكۈمەتتىن بۇ ھەقتە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇلارنىڭ بازارلىرى خىتايدىن كەلگەن تۆۋەن تەننەرخلىق كىيىم-كېچەك ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان. توردا سېتىۋېلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ جىددىي ئېشىشى بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، جاكارتادىكى ئىشچىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھىندونېزىيە سودا مىنىستىرى زۇلكىفلى ھەسەننى 7-ئايدا ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدىن كەلگەن بەزى مەھسۇلاتلارغا %200 غىچە يۇقىرى ئىمپورت بېجى قويىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا ئۈندىگەن. بۇ باج بولۇپمۇ خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئاياغ، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ساپال بۇيۇملار ۋە گىرىم بۇيۇملىرىغا قويۇلىدىغان بولغان. بۇنىڭ مەقسىتى يەرلىك كارخانىلارنى قوغداش ۋە خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن.

خىتاي ھىندونېزىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، 2023-يىلى ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سودا سوممىسى 127 مىليارد دوللاردىن ئاشقان. تېخىمۇ يۇقىرى باج قويۇش خىتاي ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى ھىندونېزىيەدىكى زاۋۇتلارغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشقا ئۈندىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىغا سەۋەب بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى 7-ئايدا مەلۇم ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىدىن باج ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى كۆزىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو تەدبىرىگە دۇچ كەلگەن خىتاي كارخانىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى ھىندونېزىيەگە ئېكسپورت قىلىشقا باشلىغان. ھىندونېزىيە نۇسانتارا ئىشچىلار ئىتتىپاقى فېدېراتسىيەسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى 1-ئايدىن 7-ئايغىچە ئاز دېگەندە 12 توقۇمىچىلىق زاۋۇتى توختاپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە 12 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى ئىشسىز قالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 641 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2024 10:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق