تەيۋەن ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ تەيۋەننى قوللايدىغان تەكلىپنى ماقۇللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى

تەيۋەن ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغان، ب د ت 2785-نومۇرلۇق قارارىنى ھەقىقىي مەنىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى ماقۇللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 23- ئاۋغۇست تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاۋسترالىيە پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ماقۇللىغان تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى قوللايدىغان قارارىغا رەھمەت ئېيتقان.

ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى داۋىد فاۋسېت ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق ئورنى توغرىسىدا ۋاقىتلىق تەكلىپ بەرگەن بولۇپ، تەكلىپتە 1971-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ب د ت نىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارىدا خىتاينىڭ تەيۋەنگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بېكىتىلمىگەنلىكى، تەيۋەننىڭ ب د ت دىكى كەلگۈسى ئورنىنىڭمۇ بېكىتمىگەنلىكى، شۇنداقلا تەيۋەننىڭ ب د ت ئورگانلىرى ياكى خەلقئارا تەشكىلاتلارغا قاتنىشىدىغان-قاتنىشالمايدىغانلىقىنىڭمۇ بېكىتىلمىگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

بۇ تەكلىپتە يەنە، ب د ت نىڭ 50 يىل ئىلگىرى ماقۇللىغان بۇ قارارىنىڭ تەيۋەننىڭ ب د ت تەشكىلاتلىرى ۋە ئورگانلىرىغا قاتنىشىشىغا توسالغۇ بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقى ۋە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئاۋسترالىيەنىڭ ئىككى پارلامېنت ئەزاسىنى «تەيۋەننىڭ ھەقىقىي دوستى» دەپ تەرىپلەنگەن.

ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى داۋىد فاۋسېت ۋە ئونېيل 7-ئايدا تەيۋەنگە زىيارەتكە بارغان بولۇپ، بۇ جەرياندا خىتاي سىياسىتى دۆلەتلەر ئارا پارلامېنت ئىتتىپاقى (IPAC) نىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان. يىغىندا ب د ت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارىغا قارىتا ئۈلگە قارار تېكىستى ماقۇللانغان. ئاۋسترالىيە پارلامېنتى بۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك تەكلىپنى ماقۇللىغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالغان. بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىنغا 24 دۆلەتتىن 49 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 432 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2024 10:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق