خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىش سەۋەبلىك خەلقئارا سەھنىلەردە تەنقىد ۋە بېسىملارغا دۇچ كەلدى. بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تۈرلۈك ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشى نەتىجىسىدە خىتاي ئىقتىسادى زور كىرىزىسقا دۇچ كېلىپ، ئۈزلۈكسىز چۈشۈشكە باشلىدى. بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي ھەر خىل رەزىل ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنماقتا. بولۇپمۇ چەت ئەلدە ياشاۋاتقان خىتايغا يېقىن ئۇيغۇرلارنى تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈش، شەرقىي تۈركىستانغا بېرىشقا تەشكىللەش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھېچ يۈز بەرمىگەندەك كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا.

بۇنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى بولسا خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىنقى كۈنلەردە پاكىستاننىڭ راۋالفىندى، ئىسلامئاباد، گىلىگىت قاتارلىق شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئون ئۇيغۇرنى مەخسۇس تەشكىللىگەن. ئۇلار پاكىستاندىن يوشۇرۇن يولغا چىقىپ، ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغان. خىتايغا سادىق مەزكۇر ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدىن كورلىغا، ئارقىدىن قەشقەرگە بېرىشنى پىلانلىغان. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بارلىق چىقىملارنى كۆتۈرۈشى بىلەن، پاكىستاندىكى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ناسىرخان بىلەن ئابدۇلئەزىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خىتاي خادىملىرىغا ئەڭ يېقىن ئۆتۈۋاتقان ئىقبال، ئەزىمجان قاتارلىق ئون ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستان يولغا سېلىنغان.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرىغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان، ساختا تەشۋىقاتلىرىغا يانتاياق بولۇۋاتقان مەزكۇر ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدە خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە: «شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن، خەلق تىنچ-ئامان ياشاۋېتىپتۇ. خىتاي ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلدى، دېگەندەك خەلقئارادا تارقىلىۋاتقان سۆزلەر ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى توقۇپ چىققان يالغان سۆزلەر» دەپ بىلجىرلاشقان. 

پاكىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقفى رەئىسى ئۆمەرخان بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ھەمدە مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ پىلانى بويىچە زىيارەتكە بارغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە: «بىز پاكىستاندىكى بارلىق ئۇيغۇرلار خىتايغا يالاقچىلىق قىلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى يالغانچى، ئۇلار شەرقىي تۈركىستانغا بېرىش ئالدىدا بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى ھېچكىمدىن مەسلىھەت سورىمىدى. بۇلار پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇلار كېچىدە يوشۇرۇن ھالدا خىتاي بايرىقىنى كۆتۈرگىنىچە شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالدىماقتا. بىز پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ قىلغان يالاقچىلىق قىلمىشىدىن ئادا-جۇدا. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئېغىر كۈندە خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان بۇ ئۇيغۇرلارغا مۇناپىق دەپ ئات قويساق يېنىك بولۇپ قالىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئۆمەرخان پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر ئون ئۇيغۇرغا تېلېفون قىلىپ، خىتايغا يالاقچىلىق قىلماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلغانلىقىنى، ئارقىدىن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئەيىبلەپ ئۇچۇر يازغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنى بويىچە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، مەزكۇر ئون ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە بېرىپ، خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

نۆۋەتتە خىتاي يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار بارلىق ئىبادەت، پائالىيەتلەرنى قاتتىق چەكلەپ، نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى قاتتىق جازالاپ زىيانكەشلىك قىلماقتا. خىتاينىڭ ئىشغالىيەت سىياسىتى بىلەن قارشىلىشىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش يېڭى قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ مەجبۇرىي ئىجرا قىلماقتا. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىتنى چېقىۋەتكەن ياكى بۇزۇۋەتكەن. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلگەن. تەشۋىقات ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويۇلغان ئاز بىر قىسىم مەسچىتلەردىمۇ ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن.

خىتاي مەركىزىي سىياسىي ئىشخانىسى بۇلتۇر 8-ئايدا يەنە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، ئىسلام دىنىغا جەڭ ئېلان قىلغان بولۇپ، قۇرئان كەرىمنى قايتىدىن تەرجىمە قىلىش، قۇرئاننى كۇڭزى ئىدىيەسى بىلەن شەرھلەپ، سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق رەزىل پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2904 قېتىم كۆرۈلدى
24/08/2024 11:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق