ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى

خىتاي ئامېرىكا ئالىي ئەمەلدارلىرىنىڭ نىيۇيوركتا داۋالىنىۋاتقان، تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى رەھبىرى بولغان دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 89 ياشلىق دالاي لاما بۇ يىل 6-ئايدا ھىندىستاندىن ئامېرىكىغا تىزىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە نىيۇيوركتا دەم ئالماقتىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشى خىتاينى بىئارام قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، دالاي لامانى «خەتەرلىك بۆلگۈنچى» دەپ دەۋا قىلىپ كەلگەن خىتاي ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشىگە قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە .

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «خىتاي تەرەپ ئامېرىكا تەرەپكە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. دالاي لامانىڭ ئامېرىكىدا سىياسىي بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەك» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بايدېن ئۆتكەن ئايدا پارلامېنتتىكى ئىككى پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللىغان «تىبەت-خىتاي نىزاسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»غا ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇ قانۇندا خىتايدىن تىبەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەلەپ قىلىنغان، شۇنداقلا تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىلگەن.

خىتاي بۇ قانۇنغا قاتتىق قارشى چىققان ۋە قانۇن لايىھەسىنى سۇنغان پارلامېنت ئەزاسى جىم مىكگوۋېرننى «ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلاشتى» دەپ ئەيىبلەپ، جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

دالاي لامانىڭ بۇ يىل ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىدىن بۇرۇن، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ پەخرىي رەئىسى نەنسى پېلوسى بىر گۇرۇپپا پارلامېنت ئەزالىرىنى باشلاپ ھىندىستانغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ۋە خىتاينىڭ دالاي لامانىڭ ئىزباسارىنى تاللاشقا ئارىلىشىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دالاي لاما ئىلگىرىكى ئامېرىكا زىيارەتلىرىدە، جورج بۇشتىن باشلاپ كېيىنكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئەمما بايدېن 2021-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغان بولۇپ، ئۇ 2020-يىلى پىرېزدېنتلىق سايلىمى رىقابىتى جەريانىدا، شۇ چاغدىكى پىرېزىدېنت دونالد تىرامپنى 30 نەچچە يىلدىن بۇيان دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمىگەن ياكى تېلېفوندا سۆزلەشمىگەن بىردىنبىر پىرېزىدېنت دەپ تەنقىدلەپ، بۇ ئەھۋالنى  نومۇس قىلارلىق ئىش دەپ ئاتىغانىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئاقساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى چارشەنبە كۈنى نىيۇيوركتا تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى مەنىۋى رەھبىرى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتە ئامېرىكىنىڭ تىبەتتىكى ئىنسان ھەقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تىبەتلەرنىڭ ئۆزگىچە تارىخى، تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي مىراسلىرىنى قوغداش ھەرىكىتىنى قوللاش توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەن. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1220 قېتىم كۆرۈلدى
24/08/2024 11:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق