خىتاي دەرھال ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى

خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ يېڭى قارارىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ خىل مەھسۇلاتلىرىغا قارشى تەكشۈرۈشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان توكلۇق ئاپتوموبىللارغا قارشى تولۇقلىما باج ئېلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىنلا، يەنى 21-ئاۋغۇست خىتاي رېجىمى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ خىل مەھسۇلاتلىرىغا قارشى قايتا تەكشۈرۈشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارىتا ئەڭ يېڭى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرى بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا جىددىيچىلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى سودىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، تەكشۈرۈلىدىغان سۈت مەھسۇلاتلىرى ھەر خىل پىشلاق، سۈت ۋە قايماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ بۇ يىل 7-ئايدا خىتاي ئىچىدىكى سۈت مەھسۇلاتلىرى سانائىتى ئۇچرىغان قايتا تەكشۈرۈش ئىلتىماسىغا ئ‍اساسەن ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. ئىلتىماسنامىدە تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىدىن تولۇقلىما ئالغانلىقى، جەمئىي 20 تۈرلۈك تولۇقلىما تۈرىدىن پايدىلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكى بايان قىلىنغان.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ 2024-يىلى 21-ئاۋغۇستتىن باشلىنىپ، 2025-يىلى 21-ئاۋغۇستقىچە تاماملىنىشى كېرەكلىكىنى، ئالاھىدە ئەھۋالدا يەنە ئالتە ئاي ئۇزارتىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇقتۇرۇشتا خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئورتاق يېزا ئىگىلىك سىياسىتى» ئاستىدىكى يەتتە تۈرلۈك تولۇقلىما پروگراممىسىنى تەكشۈرىدىغانلىقى، جۈملىدىن يېشىل تولۇقلىما ۋە ئېكولوگىيەلىك پىلان تولۇقلىمىسى، ياش دېھقانلارغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ساقلاش تولۇقلىمىسى قاتارلىقلارنى شۇنداقلا ئىرېلاندىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، ئىتالىيە، كىرودىيە، فىنلاندىيە، رومىنىيە ۋە چېخ قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جەمئىي 13 تۈرلۈك تولۇقلىما پىلانىنى تەكشۈرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىرېلاندىيە ھازىرغىچە خىتايغا ئەڭ كۆپ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلغان دۆلەت بولۇپ، ئۆتكەن يىلى خىتايغا 4.61 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە مال ئېكسپورت قىلغان. خىتاينىڭ تاموژنا مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئىككىنچى چوڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى مەنبەسى بولۇپ، 2023-يىلى خىتاينىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %36 نى ئىگىلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1151 قېتىم كۆرۈلدى
24/08/2024 11:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق