كۇچار شەھىرىدە كۈچلۈك يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۇچار شەھىرىدە بەش بال يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچار شەھىرىدە بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 05:38 دە (شىمالىي كەڭلىك 40.92 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83.97 گىرادۇس) 5.0 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزى چوڭقۇرلۇقىنىڭ 15 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن بەش كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە قاقتى يېزىسى بار ئىكەن. 50 كىلومېتىر ئىچىدە ناھىيە-يېزا مەركىزى يوق بولۇپ، 100 كىلومېتىر ئىچىدە تارىم يېزىسى، دۆڭقوتان بازىرى، تويبولدى بازىرى ۋە تارىم يېزىسى بار ئىكەن.

خىتاي ھازىرغىچە يەر تەۋرەش ئەھۋالى ھەققىدە باشقا تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2534 قېتىم كۆرۈلدى
23/08/2024 01:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق