ھىندىستان بىلەن ياپونىيە خىتايغا قارشى مىنىستىرلار سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

خىتاينىڭ رايوندىكى زومىگەرلىك قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھىندىستان بىلەن ياپونىيە خىتايغا قارشى مىنىستىرلار سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 20-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى يوكو كامىكاۋا ۋە مۇداپىئە ۋەزىرى مىنورۇ كىھارا دۈشەنبە كۈنى يېڭى دېھلىغا يېتىپ كېلىپ، ئۈچىنچى قېتىملىق ھىندىستان-ياپونىيە ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتكە قاتناشقان. ئىككى تەرەپنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى ۋە ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىش پۇرسىتىنى مۇھاكىمە قىلىشى كۈتۈلمەكتە. ئۇندىن باشقا، ياپونىيە تاشقى ۋەزىرى ۋە مۇداپىئە ۋەزىرى يەنە ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن كۆرۈشكەن.

ھىندىستان مۇداپىئە مىنىستىرى راجنات سىنگھ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراھمانيام چايشانكار سەيشەنبە كۈنى ياپونىيەنىڭ ئىككى ۋەزىرى بىلەن سۆھبەتلىشىدىكەن.  ھىندىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئەركىن، ئوچۇق، ئومۇميۈزلۈك ۋە گۈللەنگەن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى قوغداش ئۈچۈن، ھىندىستان-ياپونىيە مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى ئىنتايىن مۇھىم» دېگەن.

ھىندىستاننىڭ ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي تەسىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن، ھىندىستان بىلەن ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ھەرىكەتلىرىنى تىزگىنلەشكە بارغانسېرى مايىل بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ھىندىستان نېھرۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياپونىيە تاشقى سىياسىتى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور سرابانى روي چودھۇرى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە: «ھىندىستان ۋە ياپونىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ بۇ رايوندىكى مۇقىملىقنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى، چۈنكى بۇ رايوندا خىتاينىڭ تەسىرى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئىككى تەرەپ مۇھاكىمە قىلىدىغان ئاساسلىق مەزمۇنلار ئىككى تەرەپلىمە بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلارنى كۈچەيتىپ، رايون مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ياپونىيە ھىندىستانغا ئىلغار دېڭىز ئارمىيە پاراخوت ئانتېنناسى يەتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ قەدەم ھىندىستاننىڭ خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى بىۋاسىتە كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

خادسون ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ناگاۋو ساتو ئەگەر ھىندىستان بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشسا، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ھەقىقىي مەنىدە بۇزغىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئىككى تەرەپتىن دۈشمەنگە دۇچ كېلىپ، ئالدى-كەينىنى ئىدارە قىلالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1530 قېتىم كۆرۈلدى
22/08/2024 13:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق