چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار خىتاي پاي بازىرىدىن چېكىنمەكتە

چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خىتاي پاي بازىرىدىن چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي  ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى كۈندىلىك ئېلان قىلىشتىن پەسىللىك ئېلان قىلىشقا ئۆزگەرتكەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خەلقئارالىق مەبلەغنىڭ داۋاملىق تۈردە خىتاينىڭ پاي بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي رېجىمى چەت ئەل مەبلەغ سېلىش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ مۇھىم مەنبەسىنى چەكلىگەن.

خوڭكوڭ ئاكسىيە پاي چېكىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلار 6-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ خىتايدىكى پاي بازىرىدىن 12 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغنى چېكىندۈرگەن. خىتايدىكى مەبلەغ يىلدىن-يىلغا سىرتقا ئېقىپ كەتكەن بولۇپ، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خىتاي پاي بازىرىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان شاڭخەي پاي چېكى ئۇلىنىشى 2014-يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن يىل بويىچە سىرتقا ئېقىپ كەتكەن ئەھۋال كۆرۈلۈپ باقمىغانىكەن.

بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، گەرچە خەلقئارالىق سودا تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى سودىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن بولغانلىقى سەۋەبلىك، چەت ئەل مەبلىغى، بولۇپمۇ يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارنى جەلپ قىلىشقا ياردەم قىلالمىغان. مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ نېمىشقا ھازىرلانمايدىغانلىقىنى سورىشى مۇمكىن بولۇپ، ئېنىقلىق دەرىجىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى خىتايغا كىرىش ۋە مەبلەغ سېلىش قارارىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن .

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى 5-ئايدا ئاللىبۇرۇن چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي سودا سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈۋەتكەن. شېنجېن ۋە شاڭخەي ئاكسىيەسىنىڭ CSI 300 كۆرسەتكۈچى يىل بېشىدىن باشلاپ %1 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا قايتا ئۆرلەش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە تەدرىجىي تۆۋەنلەشكە باشلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1431 قېتىم كۆرۈلدى
22/08/2024 13:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق