خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى مۇھىم چىقىش ئېغىزى قىلىپ قوللانماقتا

دېڭىز لىنىيەسىدە كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلەن تالاش-تارتىشقا چۈشكەن خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چەت ئەلگە مال ئېكسپورت قىلىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتكەن خىتاي - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 40 مىڭدىن ئاشقان.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 13ـ ئاۋغۇست كىيىم ـ كېچەك، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىق ماللار لىق بېسىلغان خىتاي ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالاتاۋ تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق پولشادىكى مالاشېۋىچقا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلغان. بۇنىڭ بىلەن 2011 ـ يىلى تۇنجى خىتاي ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ ئارقىلىق چېگرادىن چىققاندىن بۇيان، ئالاتاۋ تاموژنىسىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدا قاتنىغان خىتاي ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 40 مىڭدىن ئاشقان.

ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرغاندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستاننى مۇھىم چەت ئەل ئىمپورت ئېغىزى قىلغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالاتاۋ تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قاتنىغان خىتاي ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ 10 مىڭدىن ئېشىشىغا سەككىز يىل ۋاقىت كەتكەن، 10 مىڭدىن 20 مىڭغا يېتىشىگە 22 ئاي ۋاقىت كەتكەن، 20 مىڭدىن 30 مىڭغا يېتىشىگە 20 ئاي ۋاقىت كەتكەن، 30 مىڭدىن 40 مىڭغا يېتىشىگە بولسا ئاران 17 ئاي ۋاقىت كەتكەن. خىتاي ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ خەلقئارا كەسىپ زەنجىرىنى تەرەققىي  قىلىدۇرۇشتا، شۇنداقلا خىتاي ئىقتىسادىدا بارغانسېرى مۇھىم رول ئالىدىغان رايونغا ئايلاندۇرغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى خىتاي ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ دائىملىق قاتناش، توشۇش مىقدارى كۆپ بولۇش، بىخەتەر، راۋان قاتناش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى بىلەن، خىتاي ئىچى ـ سىرتىدىكى خېرىدارلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالاتاۋ تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قاتنايدىغان خىتاي ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسى جەمئىي 120 گە يەتكەن بولۇپ، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ئەنگلىيە قاتارلىق 21 دۆلەتكە تۇتاشقان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يېقىنقى يىللاردا كۆرۈنەرلىك چېكىنگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ چەت ئەلگە قاراتقان چىقىش ئېغىزى قىلغانلىقىنى، خەلقئارا بازارغا يولغا چىققان پويىزلارنىڭ سانىنى خەۋەر قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقىدەك ساختا كۆرۈنۈش بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى  ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2704 قېتىم كۆرۈلدى
21/08/2024 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق