ياۋروپا شىركەتلىرى خىتاينىڭ ئېھتىياجدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارشى تەكشۈرۈشنى قايتىدىن باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت خىتاينىڭ خىمىيەلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان ئىمپورت تاموژنا بېجىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش ئىكەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 19-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ئۆي-مۈلۈك سودىسىنىڭ يىمىرىلىشى سەۋەبلىك، خىتاي رېجىمى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى چەت ئەلگە يۈزلەندۈرۈش ۋە مەھسۇلاتلىرىنى چەت ئەل بازىرىغا ئېلىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلغان. بۇ يىل يازدا خىتايدا ئىمپورت دولقۇنى كۈچىيىپ، ياۋروپا بازىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن. يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ياۋروپانىڭ خىمىيە سانائىتى ساھەسى باشقا ساھەلەرگە ئەگىشىپ، بىريۇسسېلنى تاموژنا بېجىنى كۈچەيتىپ، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېقىشىغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەكشۈرۈشنى قايتىدىن باشلاشقا ۋە ترىخلوروئىسكويانۇرىك كىسلاتانىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلغان. بۇ ياۋروپا سانائىتىنىڭ ئۆزىنى قوغداشتىكى ئەڭ يېڭى ھەرىكىتى ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى، شامال تۇربىناسى ۋە يېقىنقى مەزگىلدىكى توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسىدىكى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشىنىڭ تەسىرىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ياۋروپا ياسىمىچىلىقىنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرى نۆۋەتتە ئوخشاش تەسىرگە دۇچ كەلگەن.

ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان ھەمدە قوغداش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما خىتاي «خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى دۇنيا كىلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ» دەپ ئۆزىنى قوغداشقا ئۇرۇنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، يەرلىك ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نىشانلىغان خىتاي شىركەتلىرى مەھسۇلاتلىرىنى چەت ئەلگە چىقىرىشنى قارار قىلغان. نۆۋەتتە خىتاي ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى كاساتچىلىق ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ئون يىل داۋام قىلغان كۆپۈكنىڭ ئاخىر يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بارلىق قۇرۇلۇش كەسپىگە قىيىنچىلىك ئېلىپ كەلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1665 قېتىم كۆرۈلدى
21/08/2024 15:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق