خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا يېڭى ھەرىكەت قوللاندى

خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا «كۆزەتچىلىك قىلىش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش» نامىدا يېڭى ھەرىكەت قوللىنىپ، زومىگەرلىك ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي فۇجيەن دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە شەرقىي دېڭىز قۇتقۇزۇش ئىدارىسى 17-ئاۋغۇستتىن باشلاپ 18-ئاۋغۇستقىچە بىرلىكتە ئاتالمىش «2024-يىللىق تەيۋەن بوغۇزى دېڭىز كۆزەتچىلىكى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى»نى باشلىغان بولۇپ، ئىككى دېڭىز كۆزەتچى پاراخوتى ۋە بىر قۇتقۇزۇش پاراخوتى 30 سائەتتىن ئارتۇق بىرلىكتە ۋەزىپە ئىجرا قىلغان. خىتاي بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دېڭىز يوللىرىنى تەكشۈرۈش، قاتناش تەشكىللەش ۋە كونترول قىلىش، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان پاراخوتلارنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى دەۋا قىلغان.

مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي دېڭىز كۆزەتچىلىرى بېلىق تۇتۇش تەرتىپىنى ساقلاش باھانىسى بىلەن تەيۋەن بوغۇزىدا «كۆزەتچىلىك قىلىش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش» ھەرىكىتى ئىجرا قىلغان. خىتاي دېڭىز كۆزەتچى پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدا كۆپلەپ كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. يېقىندا يەنە خىتاي بېلىقچى كېمىلىرىنىڭ بېلىق تۇتۇشنى توختىتىش مەزگىلى ئاخىرلاشقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تەيۋەن بېلىقچى كېمىلىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، چېگرادىن ھالقىپ بېلىق تۇتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان. دېڭىز كۆزەتچى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بېلىق تۇتۇشنى توختىتىش مەزگىلىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا قارىتا ئالدىن تەييارلىق قىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ كېمىلىرىنىڭ چېگرادىن ھالقىپ جىددىي رايونلارغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانغان.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ خىتاي قىرغاقلىرىدىكى مۇھىم دېڭىز تىرانسپورت لىنىيەسى ئىكەنلىكى، كېمە تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ئېقىمىنىڭ چوڭ، ھاۋارايى ۋە دېڭىز ئەھۋالىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ئۆزگىرىشچان، دېڭىز يوللىرىنىڭ كۆپ نۇقتىدا كېسىشىدىغانلىقى، خەتەرلىك ئەھۋال ۋە ۋەقەلەرنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقى، بۇ رايوننىڭ خىتاي قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بەلگىلىگەن «سۇ ئۈستى قاتناش بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ‹ئالتە رايون بىر لىنىيە› مۇھىم رايونى»نىڭ بىرى ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1673 قېتىم كۆرۈلدى
21/08/2024 15:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق