ئامېرىكا خىتايغا قارشى بېرما قوزغىلاڭچىلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېرما ھەربىي ھۆكۈمەت رەھبىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنلا، ئامېرىكا خىتايغا قارشى بىرما قوزغىلاڭچىلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  ئامېرىكا 16-ئاۋغۇست بېرمادىكى دېموكراتچىل قوزغىلاڭچىلارنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكۈنچى پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك قارارنى ماقۇللىغانىدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئالىي ئەمەلدارى بېرما ئۆكتىچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان «سايە» ھۆكۈمەت - مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى (NUG) ۋە كارېن مىللىي ئىتتىپاقى (KNU) قاتارلىق ئاساسلىق ئاز سانلىق مىللەتتىن تەركىب تاپقان ھۆكۈمەتكە قارشى تەشكىلاتلار بىلەن تور ئارقىلىق كۆرۈشكەن. مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى ئاساسەن 2021-يىلىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بېرما پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان گۇرۇپپا ئىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك فېدېراتىپ دېموكراتىك بېرما قۇرۇش يولىدا قىلغان ھەمكارلىق تىرىشچانلىقىنى ماختىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى يەنە ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىك كۈچلەرگە بولغان بىۋاسىتە قوللىشى ۋە ياردىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بېرما خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىدىغان باشقۇرۇش ئۆتكىلىگە ئومۇميۈزلۈك ئۆتۈش ئۈچۈن ئېنىق قەدەم باسقۇچلارنى بېكىتىش مەسىلىسىمۇ بار ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرما قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا  تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى توم سۇلىۋان ۋە ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل باش ئەمەلدارى مايكىل شىفېر  ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە،  بېرمىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى ھەربىي ھاكىمىيەت ئىچكى قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بېرمانىڭ بەزى رايونلىرىنى ھەربىي ھۆكۈمەت تولۇق كونترول قىلالمىغان.

خىتاي بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى ۋە قورال تەمىنلىگۈچىسى بولۇپ، مۇستەبىت  ھۆكۈمەت  بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى مىن ئاڭ خلايىڭ بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا زىيارەتكە كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەنىدى. كۆرۈشۈشتە ۋاڭ يى بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ سايلامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆتكۈنچى باسقۇچ ھەققىدىكى ۋەدىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1477 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2024 10:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق