ئىشغالىيەتچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خىتايغا توشۇش ئۈچۈن، يېڭىچە يوللارنى ئىزچىل كېڭەيتمەكتە.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 14 ـ ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي تۆمۈريولىنىڭ ئاقسۇ ۋوگزالىدىن يولغا چىققان 74041 قېتىملىق، 10 مىڭ توننىلىق پويىز قەشقەر ۋوگزالىغا يېتىپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي تۆمۈريولىنىڭ ئاقسۇ ـ قەشقەر بۆلىكىدە 10 مىڭ توننىلىق پويىز دائىملىق قاتناش باشلانغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ تۆمۈريولى تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسۇ ـ قەشقەر بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 462 كىلومېتىر كېلىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ بۆلەكتە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25 جۈپ يولۇچى پويىزى ۋە يۈك پويىزى قاتنايدىكەن. ئەڭ كۆپ بولغاندا 29 جۈپكە يېتىدىكەن. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىش كۆلىمىنى تەرەققىي قىلىدۇرۇشىغا ئەگىشىپ، كۆمۈر، پاختا، مېتال رۇدىسى، پولات ماتېرىياللىرى، خىمىيە سانائىتى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىغا خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇشنى كۈنسېرى ئاشۇرغان. خىتاي بۇ خىل رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تۆمۈريول تىرانسپورت ئىقتىدارىنى كۈچەيتكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 10 مىڭ توننىلىق پويىزنى قاتنىتىش بولسا يۈك كۆتۈرۈشچانلىقى 5000 توننا ئەتراپىدىكى ئىككى يۈك پويىزىنى بىرلەشتۈرۈپ 10 مىڭ توننىلىق پويىز قىلىپ قاتنىتىش بولۇپ، پويىزلارنىڭ تۆمۈريول لىنىيەسىنى ئىگىلەش ۋاقتىنى ئازايتقىلى، پويىزلارنىڭ يۈرۈشۈشى ـ ئايلىنىشىنى تېزلەتكىلى، تىرانسپورت بېسىق بۆلەكلەردە يۈك توشۇش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. ئاقسۇ ـ قەشقەر بۆلىكىدە 10 مىڭ توننىلىق پويىزنىڭ دائىملىق قاتنىشى باشلانغاندىن كېيىن، تۆمۈريول تارماقلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنىڭ تىرانسپورت ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، مال مەنبەسىنى تەشكىللەش، ۋاگون سەپلەش، لىنىيەدە يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرگە كۈچەپ، 10 مىڭ توننىلىق پويىزنىڭ قاتناش قېتىم سانى ۋە كۆلىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ئېلىپ كېتىۋاتقان بارلىق يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچسىز ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى، بايلىقنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يەنىلا موھتاجلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، خىتاي بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستاندا مەخسۇس تۆمۈر يول تەسىس قىلىش ۋە كېڭەيتىش ئارقىلىق، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش كۆلىمىنى، لىنىيەلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ