ئىستانبۇلدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ھەمكارلىقىدا 16-ئاۋغۇست ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان فاتىھ جامەسىنىڭ مەرىكە زالىدا 2024-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

پائالىيەت ئالدى بىلەن ئابدۇجېلىل قارىھاجىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيەنىڭ دۆلەت مارشى ئوقۇلدى.

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى قۇرۇلۇش تارىخى ئۇزۇن، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر ئۆسمۈلىرىنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتىش، ھەرقايسى پەنلەر بويىچە تەربىيەلەشتە مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن، ئالدىن قاتاردا مېڭىۋاتقان ئاۋانگارت تەشكىلاتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى تۈركىيەدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى ھەرقايسى كەسىپلەردە دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق، باكلاۋۇرلۇق ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشىنى لاياقەتلىك تاماملىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلەش ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇش ھاياتىدا تېخىمۇ زور ئۇتۇق قازىنىشى ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە بۇ يىلمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

پائالىيەتكە ھەرقايسى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 18 قىز ئوقۇغۇچى، 31 ئوغۇل ئوقۇغۇچى بولۇپ، جەمئىي 49 ئوقۇغۇچى تىزىملاتتى. مۇراسىمدا ئالدى بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد ئۆمەر قاراجىم ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئارقىدىن سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئالىمجان سابىرلى تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بەردى.

مۇراسىمغا سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى قاتناشقاندىن سىرت، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر، ۋەقفىنىڭ پەخرىي رەئىسى پىروفېسسور دوكتور جەلال ئەرباي، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، ئىسلام ئۆلىمالار ۋەقفى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور نەسرۇللاھ ھاجىمۇفتىئوغلى، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس خوتەن، كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ۋە باشقا كۆپلىگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى ۋە ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

سۆز قىلغۇچىلار مائارىپ، تەلىم-تەربىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە زۆرۈر ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارغا ئىمان ۋە ئېتىقادنى ئاساس قىلغان، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مەپكۇرىسىدىن تەركىب تاپقان مىللىي ئاڭنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

مۇراسىم ئارىلىقىدا ھەرقايسى مەركەزلەردىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش پىروگراممىسى تونۇشتۇرۇلغاندىن باشقا، ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان ھەرخىل نومۇرلار كۆرسىتىلىپ، پائالىيەتنى تېخىمۇ جانلاندۇردى.

مۇراسىمدا بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر دوكتور، 16 ماگىستىر، 12 باكلاۋۇر ئوقۇغۇچىغا ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن ئون ئوقۇغۇچىغا، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلارغا مۇكاپات تەقدىم قىلىندى. ئاخىرىدا پائالىيەت دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2967 قېتىم كۆرۈلدى
17/08/2024 20:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق