خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۆھمەتلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 9-ئاۋغۇست «ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى ۋە ھەقىقىي يۈزى» ناملىق ئاتالمىش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالاقىدار بۆلەكلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ماھىيىتىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنغان.
دوكلاتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى (NED) ئارقىلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا، بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى دەۋا قىلىنغان. شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار بۆلىكىدە بولسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى، شەخسلەردىن ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە روشەن ئابباسنى تىلغا ئالغان بولۇپ، «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ ئويۇنى» دېگەن سەپسەتىسىنى قايتا بازارغا سالغان.
ئاتالمىش دوكلاتتا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنى خىتايغا قارشى يىغىلىشلارنى تەشكىللەشكە ۋە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشقا كۈشكۈرتكەنلىكى ھەققىدە جار سېلىنغان.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان 16-ئاۋغۇست بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قارىلاشنى مەقسەت قىلغان تۆھمەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ باياناتىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھېچقانداق دۆلەت، سىياسىي كۈچ ياكى چەت ئەل تەشكىلاتتىن ئىقتىسادىي ياردەم ئالمىغانلىقىنى، بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئەزالارنىڭ ئىئانىلىرى ۋە پىدائىيلىقى بىلەن داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن سىرت، تۈركىيەدە ئېتىراپ قىلىنغان قانۇنلۇق بىر تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقا ھۆكۈمەتلەر ۋە مۇئەسسەسەلەردىن قانۇنىي يوللار ئارقىلىق ياردەم ئېلىش ھوقۇقى بارلىقىنى قەيت قىلدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باياناتىدا خىتاي رېجىمىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئۆز ھوقۇقلىرىنى قوغدىغۇچىلارنى قارىلاش، يالغان ئۇچۇر تارقىتىش قاتارلىق ساختىپەزلىك تاكتىكىلىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ قانۇنىيلىقىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مۇجادىلىسىنىڭ خەلقنىڭ قوللىشى بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.