ئانالىزچىلار: فىلىپپىننىڭ ھەربىي بازىسىنى يېڭىلىشى خىتاينىڭ زومىگەرلىكىنى توسۇشى مۇمكىن

غەرب ئانالىزچىلىرى فىلىپپىننىڭ مۇھىم بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى يېڭىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ فىلىپپىن ۋە ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق ھالىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى توسۇشى ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىر ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 16-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىننىڭ مانىلادىن تەخمىنەن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى باسا ھاۋا ئارمىيە بازىسى يېقىندا يېڭىلىنىپ، 58 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىغا ئايلىنىدىكەن. شۇنداق بولغاندا مەزكۇر بازا ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 ئايروپىلاننى سىغدۇرالايدىكەن.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ئايدا «Acciona CMS Philippines LLC» شىركىتى بىلەن 32 مىليون دوللار قىممىتىدە كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى، بۇنىڭ 2026-يىلى 7-ئايغىچە ئايروپىلان توختىتىش مەيدانى، يول ياقىسى ۋە ئۇچۇش يوللىرى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ قېتىملىق بازا يېڭىلاش تۈرى «تىنچ ئوكيان تەھدىت تەشەببۇسى» تەرىپىدىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتاينىڭ كۈچىيىۋاتقان ھەربىي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن پىلانى ھېسابلىنىدىكەن.

دېموكراتىيەنى قوغداش فوندىنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي ھوقۇق مەركىزىنىڭ ئالىي مۇدىرى بىرەدلى بوۋمان: «ئەگەر باسا قاتارلىق مۇھىم بازىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى زامانىۋىلاشتۇرۇلۇپ كېڭەيتىلسە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرى تاجاۋۇزچىلىقنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك توسىيالايدۇ» دېگەن ۋە: «ئەلۋەتتە ئاخىرقى نىشان خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى توسۇش. بۇ بىر نەزەرىيەۋى مەسىلە ئەمەس» دەپ ئىلاۋە قىلغان.

خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېڭيۈ 13-ئاۋغۇست ئامېرىكا ئاۋازىغا ئېيتقان سۆزلىرىدە: «فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا بازىلارنى يېڭىلاش ھەمكارلىقىدا ئۈچىنچى بىر تەرەپنى نىشانلىماسلىقى كېرەك» دېگەنلەرنى دەۋا قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2005 قېتىم كۆرۈلدى
17/08/2024 20:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق