تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى دىققەت تارتتى

تۈركىيە ئىيى پارتىيەسى رەئىسى مۇساۋات دەرۋىشئوغلى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۈستىلىگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى قويۇپ، ئۇيغۇرلارغا بولغان قوللىشىنى ئىپادىلىدى.

پەلەستىن رەئىسى مەھمۇد ئابباس 15-ئاۋغۇست تەكلىپكە بىنائەن تۈركىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشنى خالايدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ياۋروپا دۆلەتلىرى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يىغىلىشقا ئىشتىراك قىلغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى پەلەستىن بايرىقىنى ئالدىغا قويۇپ، پەلەستىن خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئىيى پارتىيەسى رەئىسى مۇساۋات دەرۋىشئوغلى ئالدىغا شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىن بايرىقىنى تەڭ قويۇپ، خىتايغا قارشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

مەھمۇد ئابباس تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلغاندا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋبىنمۇ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە يىغىلىشقا قاتناشقان بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ۋە بىر قىسىم خەۋەر تور بەتلەردە مۇساۋات دەرۋىشئوغلى ئەپەندىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئەڭ ئالدىدىكى ئورۇندا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ قويۇشى خىتاينىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان شاپىلاق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىيى پارتىيەسى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاكتىپ قوللاپ كەلگەن بولۇپ، ئىيى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، گۇرۇپپا مۇئاۋىن رەئىسى مەھمەت ساتۇق بۇغرا كاۋۇنجۇ 26-ئىيۇل تۈركىيە پارلامېنتىدا خىتاي مەبلىغىنىڭ ئىقتىسادىي پايدىسى بىلەن بىرگە تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىدىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي يامان تەسىرلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرگەنىدى ھەمدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى مەسىلىسىدە تۈركىيەدىكى ئاخبارات ساھەسىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىدىن ئاگاھلاندۇرغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1952 قېتىم كۆرۈلدى
17/08/2024 20:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق