خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاننى چوڭ ساياھەت رايونىغا ئايلاندۇرۇش ۋاسىتىسى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 15-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جىنايەتلىرىنى ئارقىلىق يوشۇرۇپ، خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنغان.
ئىسمىنى ئاشكارا قىلماسلىق شەرتى بىلەن «ئىچكى خەۋەر» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر كىشى ۋەزىيەتنى ئاشكارىلاپ، 2019-يىلى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغىنىدا، شەرقىي تۈركىستاننى بىر قانچە رايونغا بۆلۈۋېتىلگەن شەھەرگە ئوخشاتقانلىقىنى، قەيەرگە قارىسا قوراللىق ساقچىلارنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى، 2023-يىلىغا كەلگەندە ئىلگىرىكى قاتتىق نازارەت ۋە كونترول سىستېمىسى ئەمەلدىن قالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ئۆز ۋاقتىدا خىتايدىن يۆتكەپ كېلىنگەن ساقچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن تېخىچە كەتمىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ يوشۇرۇن ھالدا خەلقنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «بىز توختىماي قاتتىق تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن ئۆتۈشكە ۋە داۋاملىق تەكشۈرۈلۈشكە مەجبۇر بولغان ۋاقتىمىزدا، بۇ رايون بىزگە تىنچ گۈللەنگەن رايون تەسىراتىنى بېرەلمىدى» دېگەن.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە گەرچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ساياھەت رايونلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭگارەڭ، مول مەدەنىيىتىنى ناخشا-ئۇسسۇل قىلىپ ئاددىيلاشتۇرۇپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ تېخىچە ئېغىر دەرىجىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، قازاقلارنىڭ قازاقىستانغا بېرىشىغا يول قويۇلغىنى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇس چەكلەش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماش، دىنىي باستۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى داۋاملاشماقتا. ئەمما خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاز بىر قىسىم ئالدىن تەييارلانغان رايونلارنى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. خىتاي بۇ رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن 2021-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خامچوتىنى %90 ئاشۇرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ