خىتاي چېگرادىن كىرگۈچىلەرگە قارىتا مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى تەكشۈرۈشى ئىجرا قىلماقچى

خىتاي بايانات  ئېلان قىلىپ، چېگرادىن كىرگەن كىشىلەر ۋە ماللارغا قارىتا مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى تەكشۈرۈشى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي باش تاموژنا ئىدارىسى 16-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مايمۇن چېچىكى يۇقۇمىنىڭ قايتىدىن خەلقئارالىق جىددىي ساغلاملىق كىرىزىسى ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە چېگرادىن كىرگەن كىشىلەر ۋە ماللارنى مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى بويىچە تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا: «مايمۇن چېچىكى يۇقۇمى يۈز بەرگەن دۆلەت (رايون) لاردىن كەلگەن كىشىلەر ئەگەر مايمۇن چېچىكى بىمارلىرى بىلەن ئالاقە قىلغان بولسا ياكى قىزىتما، باش ئاغرىقى، دۈمبە ئاغرىقى، مۇسكۇل ئاغرىقى، لىمفا بېزى ئىششىقى، تېرە ياكى شىلىمشىق پەردە ياللۇغى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، چېگرادىن كىرگەندە تاموژنىغا ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلىشى كېرەك» دېيىلگەن ۋە شۇنداقلا تاموژنا خادىملىرىنىڭ بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا يەنە مايمۇن چېچىكى يۇقۇمى يۈز بەرگەن دۆلەت (رايون) لاردىن كەلگەن، بۇلغىنىش ئېھتىماللىقى بولغان قاتناش ۋاسىتىلىرى، ماللار ۋە بۇيۇملارنىڭمۇ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىنىڭ خەلقئارالىق جىددىي ساغلاملىق كىرىزىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانىدى. بۇ، ئىككى يىل ئىچىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق بايانات بولۇپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇم كونگودا تارقالغان ۋە قوشنا دۆلەتلەرگىچە كېڭەيگەن. مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2022-يىلى مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمىنى Monkeypox دىن Mpox غا ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىغان.

خىتاي ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا مايمۇن چېچىكىنى B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ باشقۇرىدىغانلىقىنى، B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش چارىلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇندىن باشقا خىتاي يۇقۇم كېڭەيگەندە يىغىلىشلارنى چەكلەش، خىزمەت ۋە ئوقۇشنى توختىتىش ياكى مەلۇم رايونلارنى تاقاش قاتارلىق جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىدىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ۋىرۇسىنىڭ خەتىرىنى كېچىكتۈرۈپ ئېلان قىلىش، خىتاينىڭ مەسئۇلىيەتتىن قېچىشىغا يول ئېچىپ بېرىش بىلەن بىر نەچچە يىلدىن بېرى تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1997 قېتىم كۆرۈلدى
16/08/2024 14:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق