ئابدۇقادىر داموللامنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەندى

14-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى «ئىز قالدۇرغان ئۆلىمالىرىمىز» ناملىق قەرەللىك پائالىيىتىدە، بۈيۈك ئىسلاھاتچى ئالىم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاپاتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

پائالىيەتتە ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھاياتى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ جەدىدچىلىك ھەرىكىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان سىياسىي ساھەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە، ئۇستاز ئالىمجان سابىرلى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تەلىم-تەربىيە مېتودى ۋە مائارىپ ساھەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم توختالدى.

ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەرھۇم ئالىمنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرىلەپ، ئۇنى ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىشتى.

«ئابدۇقادىر داموللام» دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان، شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بۈيۈك ئىسلاھاتچى ئالىم ئابدۇلقادىر بىننى ئابدۇلۋارىس كاشغەرىي 1862-يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك يىللىرىنى ئۆز يۇرتىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ۋە بۇخارا مەدرىسەلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۇ شەرقىي تۈركىستاندا خەلقنى ئىلىم-مەرىپەت بىلەن ئاقارتىش، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش، مائارىپ ساھەسىنى ئىسلاھ قىلىش يولىدا ئىلمىنى، كۈچ-قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلغان ۋە بۇ يولغا ھاياتىنى ئاتىغان. يېتۈك ئالىم ئابدۇقادىر داموللام 1924-يىلى 14-ئاۋغۇست خائىنلار تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان.

مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، «جەۋاھىرۇل ئىيقان»، « ئابدۇقادىر داموللام ئەسەرلىرى-دەرسلىكلەر (1)» قاتارلىق ئەسەرلىرى مۇھاجىرەتتە ئەۋلاد نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 2993 قېتىم كۆرۈلدى
15/08/2024 17:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق