شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىزچىل، كەڭ كۆلەملىك داۋاملاشتۇرۇۋاتقان خىتاي ئاتالمىش «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش» ھەرىكىتى نامىدا باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا يەنە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، خەلقنى ئاتالمىش «جىنايەت يىپ ئۇچى» بىلەن تەمىنلەشكە مەجبۇرلىغان.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى 14-ئاۋغۇست مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاتالمىش «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش ھەرىكىتى»نى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، جەمئىيەتتىن ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا يىپ ئۇچى توپلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇقتۇرۇشتا كىشىلەرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاتالمىش «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش ئىشخانىسى»غا تېلېفون، خەت-چەك ياكى نەق مەيداندىن پاش قىلسا بولىدىغانلىقى، مەخسۇس پاش قىلىش ساندۇقى تەسىس قىلىنغانلىقى، يىپ ئۇچى پاش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى ۋە شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ مەخپىي تۇتۇلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
خەلق تورىنىڭ بىر كۈن بۇرۇنقى يەنە بىر خەۋىرىدە ساقچىلارنىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توسالغۇسىز ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەنگەن بولۇپ، ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا توسقۇنلۇققا، زوراۋانلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا، تۆھمەت قىلىشقا ئۇچرىغانلىقى دەۋا قىلىنغان. شۇنداقلا 2023-يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچىلارغا ئالاقىدار 681 دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، جەمئىي 385 ساقچىنىڭ نامىنى ئاقلىغانلىقى، ھوقۇق قوغداش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش نوپۇزىنى كۈچلۈك قوغدىغانلىقى ھەققىدە جار سېلىنغان.
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» ئالدىنقى ئايدا ئۈرۈمچىدە مەخسۇس يىغىن ئاچقان بولۇپ، يىغىندا ئاتالمىش «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش»نى دائىملىق كۈرەش قاتارىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەكىتلەنگەنىدى.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن خەلقنى بىر-بىرىنى نازارەت قىلىشقا مەجبۇرلاش، ساقچىلارنىڭ توسالغۇسىز ھالدا باستۇرۇش ھەرىكىتى ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئارقىلىق، «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش»، «مۇقىملىقنى قوغداش» دېگەندەك ناملار ئاستىدا سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.