خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئاسىيا، ياۋروپا ئەللىرىگە داۋاملىق يوللىماقتا

خىتاي خەلقئارانىڭ تۈرلۈك بېسىم ۋە جازالىرىغا قارىماي، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى داۋاملىق ئاسىيا، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە توشۇۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىن ئالدىنقى يەتتە ئايدا خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) لىنىيەسىدە قاتنىغان نۆۋەتچى پويىز بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئاشقان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 14-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستاندىن قاتنىغان خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 9175 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئاشقان.

خەۋەردە ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپلىگەن خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنى شەرقىي تۈركىستانغا توپلاش، تاموژنىدىن ئۆتۈشكە جەلپ قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئالاتاۋ ۋە قورغاس تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قاتنىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ سانىنى مۇقىم ئاشۇرغانلىقى، تاموژنىدىن ئۆتۈشنى كۈتۈپ تۇرغان پويىزلارنىڭ ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتقانلىقى دەۋا قىلىنغان ۋە شۇنداقلا بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك ۋاقىت جەدۋىلىدىكى خىتاي-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقى، چېگرادىن كىرىپ-چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىز سانىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا داۋاملىق توشۇلماقتا. گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» ئارقىلىق بىر تۈركۈم مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى توسقان بولسىمۇ، مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر بۇ جىنايەتكە سۈكۈت قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 3382 قېتىم كۆرۈلدى
14/08/2024 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق